رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئىلتەبىر
2017.03.01
rabiye-xanim-amerika-mejlis.jpg رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 1-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم 1-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زىيارىتى داۋامىدا، بىر نەچچە نەپەر مەجلىس ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەمدە دۇچ كېلىۋاتقان كونكرېتنى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۆھبەت داۋامىدا، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى رورا باكىر ئەپەندى رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىش، قانۇن لايىھەسى چىقىرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى كىرىستوفىر سىمىت قاتارلىق مەجلىس ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرىمىزنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەھرىرىمىز ئىلتەبىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.