رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.07.12
rabiye-xanim-duq-reisi-1.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا يەنە د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىككە سايلاندى. 2016-يىلى 12-ئىيۇل، پارىژ.
RFA

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى بۈگۈنكى يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزدى.

ئوتتۇز نەچچە دۆلەتتىن كېلىپ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋەكىللەرنىڭ ئەركىن بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن رابىيە قادىر خانىم يەنە بىر قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

يىغىن ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ سايلام نەتىجىسىدىن رازىمەنلىكىنى ئىپادىلىگەچ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەككۈر نۇتقىنى ئاڭلىدى.

رابىيە خانىم نۇتقىدا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چوڭ سىياسەتلىرىنى بەلگىلەش قاتارلىق پرىنسىپاللىق مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشقا زېھىن قويىدىغانلىقىنى، باشقا مەمۇرىي خىزمەتلەرنى يېڭىدىن سايلىنىدىغان مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرىنىڭ بىۋاسىتە ئاتقۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نامىدا ھەرقايسى جايلارغا ئۆز ۋەكىلىنى تۇرغۇزۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. كۆپچىلىك رابىيە خانىمنىڭ بۇ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.