ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىغا ئەسقەرجان رەئىس بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.11.10
esqerjan-sherqiy-turkistan-birliki-reis.jpg (سولدىن ئوڭغا) د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەسقەرجان ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىلەر يىغىندا. 2016-يىلى 6-نويابىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەسقەرجان ئەپەندىنى تەشكىلات رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىدارە ھەيئىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى ئەسقەرجان ئەپەندىنى ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى غەرب دۇنياسىدا، جۈملىدىن ياۋروپادا قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇپ، 1991-يىلى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلۇپ پائالىيەت باشلىغان. ھازىرغا قەدەر بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا، جۈملىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە تونۇتۇش جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە سابىق «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» ۋە ھازىرقى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ۋە بۇ قۇرۇلتايلارغا ساھىبخانىلىق قىلغان.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا: «ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە ئىلگىرى-كېيىن، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، 1998-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1999-يىلى گېرمانىيەدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، 2004-يىلى قۇرۇلغان ھازىرقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى … قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، شۇنداقلا يۇقىرىقى پۈتۈن تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئەسقەرجان ئەپەندى يەنە 1992-يىلى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىغا مەخسۇس ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

بىز دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەم سىياسىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئېلخەتلەردە تەبرىكلىنىۋاتقان ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ رەئىسلىككە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئىگىلىدۇق.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەسلى رەئىسى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنىۋەرجان ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىن ئىستېپا بېرىشتىكى سەۋەبىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى تەشكىلىي ئۆزگىرىش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئەت تارمىقىدا ھازىر 9 نەپەر ئەزا بولۇپ، پائالىيەتلىرىنى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.