شى جىنپىڭ ئۆزىنى ئىستېپاغا چاقىرغان نامسىز خەتنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنماقتا
2016.03.30
خىتايدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىستېپاغا چاقىرىلغان نامسىز خەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىنىپ كەتكەن. دائىرىلەر بۇ نامسىز خەتنى زادى كىمنىڭ يازغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن «گۇمانلىق» دەپ قارالغان كىشىلەرنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، سوراق قىلغان. بۈگۈن گېرمانىيەدە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىككى نەپەر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاخباراتلارغا مەلۇمات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن تۇتقۇن قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى دەرھال قويۇۋېتىشنى ۋە ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدىكى «ۋۇجيې خەۋەرلەر تورى» دا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغان بىر پارچە نامسىز خەت ئېلان قىلىنغان ئىدى. «سادىق كومپارتىيە ئەزالىرى» دېگەن ئىمزا بىلەن ئېلان قىلىنغان بۇ خەتتە شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشى، ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشى ۋە شۇنداقلا ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن باغلىنىشى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋۇجيې تور بېتىگە قويۇلغان بۇ خەت ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ۋە بۇ تور بەتنىڭ خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار خەتنىڭ ئىگىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى باشلىۋەتكەن.
بۈگۈن، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خىتاي پائالىيەتچىسى ۋېن يۈنچاۋ ۋە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچى چاڭ پىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، سوراق قىلىنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلار ئارقىلىق بۇ ئىككىسىگە بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلار شۇنداقلا بۇ «نامسىز خەت» بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ يازغۇچىسى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، چاڭ پىڭ ژۇرنالىست جياجيا بېيجىڭ ئايرودرومىدا خوڭكوڭغا كېتىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىئوسىدا بىر پارچە مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان بېسىمىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىچۈەن ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسىنى ۋە سىڭلىسىنى تۇتقۇن قىلغان. ساقچىلار ئۇلاردىن چاڭ پىڭ توغرىلىق سوئال سورىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
چاڭ پىڭنىڭ ئىستانسىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار يەنە ۋاسىتىچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا گەپ يەتكۈزۈپ، ئەگەر چاڭ پىڭ «گېرمانىيە ئاۋازى» دا شى جىنپىڭنى تەنقىد قىلىپ ئېلان قىلغان ماقالىسىنى ئۆچۈرۈۋەتسە، بىز ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قويۇپ بېرىمىز، دېگەن.
ساقچىلار 28-مارت كۈنى ئۇنىڭ ئىنىلىرىدىن بىرنى قويۇۋەتكەن. ئەمما ساقچىلار چاڭ پىڭ ئەگەر ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلىسا يەنە بىر ئىنىسىنىمۇ قويۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. چاڭ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن گېپىدە ساقچىلار ئۇنىڭغا ئۈچ خىل تەلەپ قويغان. بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ۋېيشىڭ «ئۈندىدار» تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، ئىككىنچىسى، ماقالىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش، ئۈچىنچىسى، ئەمدى ئۇنداق تەنقىدىي ماقالىلەرنى يازماسلىق.
ئەمما چاڭ پىڭ «جۇڭگودا ئۆزگىرىش» ناملىق ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربىر پۇقرانىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنى خەتنى يازدى دەپ گۇمانلانغان كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قاراتقان تەقىب ۋە زوراۋانلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشنى، ژۇرنالىستلار، تور يازغۇچىلىرىنى تەكشۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ 20 يىللىق كەسپىي ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستەقىل ۋە توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ئاخباراتلىرىغىمۇ ئارىلاشماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
نيۇيوركتا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي پائالىيەتچىسى ۋېن يۈنچاۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ 65 ياشلىق ئانىسى بىلەن 72 ياشلىق دادىسىنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ۋېن يۈنچاۋ ھازىرغىچە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالمىغان. ئۇ، ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىللىيامنى بۈگۈن «خرىستىئان تەتقىقاتلىرى» گېزىتىگە بەرگەن مۇلاھىزىسىدە ئۆكتىچى ئاۋازلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز بۈگۈن يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ژۇرنالىستلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار خىزمەت سەۋەبىدىن سىرتلارغا چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئۆزلىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشەلمىدۇق.
شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتايدا پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كەتكەنلىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. بىراق، ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى بىل بايشوپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پارچە ئىمزاسىز خەتكە بۇنچىۋالا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ئۆزىنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «خرىستىئان تەتقىقاتلىرى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاخىرى بېرىپ بۇ ئىشنى خەلقئارا بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى» دېگەن. دەرۋەقە، بۈگۈن ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەر ۋە بۈگۈنكى ئىككى نەپەر خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى س ن ن، ب ب س تېلېۋىزىيەلىرى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى، مۇھاپىزەتچى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن داڭلىق خەۋەر مەنبەلىرىدە كەڭ ئېلان قىلىندى.
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر خەتكە چېتىشلىقى بار بولۇشى گۇمانى بىلەن ھازىرغىچە 15-20 گىچە بولغان كىشىنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ خەتكە بۇنچىۋالا جىددىيلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى، بىرى، ئۇنىڭ يازغۇچىسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنىشى دەپ مۆلچەرلىسە، ئىككىنچى، سەۋەبنى ئۇنىڭ دەل خىتايدا ئىككى يىغىن باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئېلان قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.