شىۋېتسىيەدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
2016.03.30
شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئائىلە كۈنى» نامىدىكى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
بۇ يىللىق يىغىننى، شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى ئىبنى رۇشىد تەلىم-تەربىيە مەركىزى، شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىن 25 -مارتتىن 27-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلگەن، 25-مارت كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى «ئەلھۇماسسان» يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.
يىغىن قۇرئان كېرەم تىلاۋەت قىلىنىش بىلەن باشلاندى. قۇرئان كېرەم تىلاۋىتىدىن كېيىن «شىۋېتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى سۆزگە چىقىپ يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا تەبرىك سۆزى قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى 3 كۈنلۈك يىغىنغا شىۋېتسىيە ۋە شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 4500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىسلام ئەللىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل يىغىن زالىدا سۆزلەشكە ۋاقىت بېرىلمىگەن بولسىمۇ، يىغىن زالىدىن ئۈچ ئۈستەللىك ئورۇن ئېلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار مەزكۇر كۆرگەزمە زالىدىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. ئۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە دائىر مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرخىل ھۆججەتلىك فىلىملارنى تېلېۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق كۆرسىتىپ تۇرغان، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بېسىلغان شارپا، مايكا، ئۇيغۇرلارنىڭ چىمەن دوپپىسى، ئەركىنلىك شوئارى بېسىلغان شەپكە، شۋېدچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللاردا بېسىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئەرەبچە كىتابلار ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان «ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق شۋېدچە كىتابلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيارنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بىر قانچە يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يىغىنلاردا كۆرگەزمە زالىدىكى ئۈستەلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۈستەلگە قويۇلغان ماتېرىياللارنى مېھمانلارغا تارقىتىش ۋە ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالىنى شىۋېتسىيەدىكى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا كۆكيار بۇ قېتىملىق يېغىنغا قاتنىشىشتىكى مەقسەت-نىشانلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلامى يىغىن ۋە كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ دائىرىدە چۈشەندۈرگىلى، شىۋېتسىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىگە سىڭىپ كىرىپ، شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا، ئابدۇللاھ كۆكيار شىۋېتسىيە ئىسلام ياردەم فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ھېلىنا خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر يېتىم بالىلار ئۈچۈن شۆبە فوند ئېچىش ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.
يېغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ياشلاردىن ئېھسان ئابدۇلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىگە چىقىشىنىڭ ئىمانى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى ھەققىدە يېزىلغان يازمىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار لېكسىيە سۆزلىگەن 35 نەپەر لىكسىيەچىلەرگە «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» چۈشۈرۈلگەن شارپا ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ئەرەبچە كىتاب ھەدىيە قىلدى.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى باتۇر ئەپەندى شۋەتسىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى قانۇنلۇق، تىزىمغا ئېلىنغان تەشكىلات ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى مول پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتە توختالغان ئابدۇللا كۆكيار يىغىننىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر داۋاسىنى بۇ قېتىملىق يىغىندا كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.