دوكتور ئاسپىرانت تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى: «دادام بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا يېرىم»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.03.04
mutellip-sidiq-qahiri-lager-chiqqan.jpg ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ئەپەندى يىغىۋېلىش لاگېرىغا كىرىشتىن ئىلگىرىكى(سولدا) ۋە چىققان ۋاقتىدىكى(ئوڭدا) سۈرىتى. 2019-يىلى مارت.
Tahir Mutellip teminligen

قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

دەسلەپتە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن تاھىر مۇتەللىپ ئاخىرى ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشتا ياردەم سورىغان ئىدى.

ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 4 ئايدىن كېيىن، يەنى 3-ئاينىڭ 1‏-كۈنى، 17 ئايدىن بېرى ئالاقىسى ئۈزۈلگەن دادىسى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈشكە مۇۋاپپەق بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.