تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2015.02.04

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى يەكشەنبە، مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان خوجا ئەھمەت يەسەۋىي ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا ياۋروپا-ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدىراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، پېشقەدەم يازغۇچى پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
خوجا ئەھمەت يەسەۋىي ۋەخپىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئىسمائىل چىنگىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاڭلاتقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.
ئىسمائىل چىنگىز تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە خەلقئارالىق بىر چوڭ كۈچ بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، خىتاي ئامېرىكىدىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچ بولىمەن دەيدۇ، خىتاي مۇشۇ شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بولسا، ئالدىمىزدىكى 5، 10 يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. لېكىن ھەربىي جەھەتتە تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خىتاي خەلقئارالىق كۈچ بولۇش ئۈچۈن غەربكە يۈزلىنىشى، غەرب بىلەن ماسلىشىشى كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى ھەربىي بازا قىلىپ قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى بولسا، خىتاي، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن سېتىۋالغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلار تۇرۇبا لىنىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستان چوڭ بىر ئېنېرگىيە لىنىيىسىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خەلقئارالىق كۈچ بولۇشنى خالىسا، قازاقىستان ۋە ياكى ئىران بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىق ئورنىتىپ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ۋە ياۋروپاغا ئېچىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئىسمائىل چىنگىز سۆزىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بايلىقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى سېتىۋېلىش ۋە بۇ دۆلەتلەرگە ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش ئارقىلىق سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نام ئاستىدا بۇ دۆلەتلەرنى تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارالىق كۈچ بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: خىتاي خەلقئارالىق چوڭ كۈچ بولۇشنى خالىسا، ئەمدى ياۋروپاغا ئېچىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى تاشقى دۆلەتلەردە بازارغا سېلىشتا ھەم ھەربىي جەھەتتە تۈركىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدا تەسىرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تۈركىيە ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ تۈركىيەمۇ رايونلۇق ۋە ياكى خەلقئارالىق كۈچ بولۇشنى خالىسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئاساسىي مەسىلە دەپ قاراپ ۋە بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي بېسىم، مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىل-يېزىق ۋە مائارىپ ساھەلەردە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بىردىن-بىر سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغۇچىلارغا خوجا ئەھمەت يەسەۋىي ۋەخپى تەرىپىدىن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ۋە تۈركىستانلىقلار ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.