ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى كېڭىشىپ ئىجرائىيە كومىتېتى قۇردى

0:00 / 0:00

16-يانۋار كۈنى كەچتە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان سەككىز ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى شۇنداقلا بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەسلىھەت كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن تەشكىلاتلاردىن بىرەر كىشىنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلدى.

بۇ يىغىنغا تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى جالال ئەرباي، زەيتىنبۇرنۇنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلياس ساكا قاتارلىق شەخسلەرمۇ قاتناشتى ۋە پىكىر بايان قىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەزمۇنلار توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرى يەكۈنلەپ چىقىلغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 11 ماددىلىق خىزمەت پىلانىنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى شۇنداقلا ھەر بىر تەشكىلاتتىن بىرەر كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر تۈركىيەدە قىلىش ئىمكانى بولغان تۆۋەندىكى 11 ماددىلىق خىزمەت پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنغان:

  1. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىس دانىشمەنلىرى، تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، پارلامېنت باشقۇرۇشىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىش.
  2. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات ھازىرلاش، بۇ دوكلاتنى تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر، ئۇيۇشمىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، جەمئىيەت- ۋەخپىلەرگە يەتكۈزۈش.
  3. «5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش.
  4. ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە ئۈلكە ئوچاقلىرى، تۈرك ئوچاقلىرى، ئى ھ ھ ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى دېگەنگە ئوخشاش ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەركەزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ۋە يىغىندا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
  5. ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلىش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش.
  6. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كومىتېت تەسىس قىلىش.
  7. ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش.
  8. سوتسىيال مېدىيا يەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش.
  9. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى گېزىت-ژۇرنال ۋە رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىش.
  10. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىش، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق خەلقنى دەستەكلەشكە چاقىرىش ۋە ۋاھاكازالار.


بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپ تېكىن ۋەخپى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئىلىم -مەرىپەت ۋەخپى قاتارلىق سەككىز جەمئىيەت ۋە ۋەخپىلەردىن بىردىن كىشى يىغىندا ئېلىنغان بىردەك قارار بىلەن ئىجرائىيە كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ بېكىتىلدى.

بىز يەنە مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا ۋە يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەرىپەت ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھەبىبۇللاھ كۈسەنى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ يىغىنغا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن 90 پىرسەنتىنىڭ قاتناشقانلىقى، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 11 تۈرلۈك خىزمەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھەممە تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشكەنلىكى ۋە كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنلىكىنى ۋە يەنە پۈتۈن تەشكىلاتلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئورخان بوزقۇرت مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا ئېلىنغان 11 تۈرلۈك قارار ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم قارارلاردۇر، پۈتۈن تەشكىلاتلار بىرلىكتە يېڭى قۇرۇلغان كومىتېت ئاستىدا بۇ قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشىمىز.»