خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلاندۇرۇشى ياخشى ئىشمۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-09-02
Share
shwetsiyide-uyghur-osmur-putbol-305.jpg شۋېتسىيىدە خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار. 2012-يىلى ئىيۇل.
RFA/Shohret Hoshur

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن پۇتبولغا ئائىت خوش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى، ئۇيغۇر پۇتبول نوتىلىرى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرى خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمەي رەقىبلىرىگە ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىدە تۇغما تالانتى بارلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمىدى. پۇتبول ھەرىكىتىنى كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەجرىبە رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇيغۇر دىيارىدا پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ باھارى كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرەمدۇ؟ خىتايدىكى داڭلىق پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ «ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن» ئۇيغۇر پۇتبول چولپانلىرى چوڭ بولغاندا يەنىلا ئۆچۈپ قالارمۇ؟ ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر پۇتبولچىلار، ئۇيغۇر پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسىگە يەنىلا گۇمانلار ئىچىدە باقماقتا.

ئۇيغۇرلاردا پۇتبول ھەرىكىتى ئىنتايىن كۈچلۈك ئاممىۋىلىققا ئىگە ھەرىكەت بولسىمۇ ۋە شۇنداقلا تالانتلىق پۇتبولچىلار ئۈزۈلمەي يېتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىستېمىلىق مەشىق-تەربىيە ۋە كەسپىي كۇلۇبنىڭ يوق بولۇشى، تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان مەيداننىڭ كەمچىللىكى، مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش دېگەندەك كۆپ خىل مۇرەككەپ سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پۇتبول سەۋىيىسى مەلۇم بىر يۈكسەكلىككە يېتىپلا، يەنە كەينىگە يانىدىغان ياكى ئورنىدا توختاپ قالىدىغان ئەھۋال تەكرارلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدا مول ھوسۇل كۆرۈلدى.

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى 2012-يىلى ئۈمىد لوڭقىسى خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، مەملىكەتلىك مەكتەپلەر پۇتبولچىلىقى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى، گوتبورگ لوڭقىسى ياش-ئۆسمۈرلەر چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندىسى، 2013-يىلى، يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ داۋاملىق چېمپىيونى، 2014-يىلى 5-ئايدا، شىۋېتسىيەنىڭ دۇنياغا داڭدار سۋەنسكا كۇللارگەر فابرىكەن شىركىتى ھەسسىدارلىقىدىكى سكف ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ، شىۋېتسىيە گوتبورگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، «كىچىك دۇنيا لوڭقىسى» دەپ نام بېرىلگەن گوتبورگ لوڭقىسى ياش-ئۆسمۈرلەر چېنپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشتى. 2014-يىلى 7-ئايدا، ئۈچىنچى قېتىم ئۈمىد لوڭقىسى ۋە مەملىكەتلىك مەكتەپلەر پۇتبولچىلىقى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ياش پۇتبول نوتىلىرىنىڭ قوشقان زەپەرلىرىنى بىر ئەسلەپ ئۆتەيلى:

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مەملىكەتلىك «كىم پۇتبول شاھى» پۇتبول مۇسابىقىسىدە، قەشقەر «ئوغۇل بالا» كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى ئىككىگە قارشى سەككىز نەتىجە بىلەن يېڭىپ چېمپىيون بولدى. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى كوماندىسى (15 ياشلىقلار) گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋۇجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ رايونلار ئارا تاللاش مۇسابىقىسىدە، گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبىنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى نۆلگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن يېڭىپ، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق خىتاي مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئاخىرلاشقان.

مۇسابىقە جەريانىدا ئۈرۈمچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى خىتايدا ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان بېيجىڭ ۋە لياۋنىڭ كوماندىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يەڭگەن. ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن خېنەن كوماندىسىنى يېڭىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىلىرى بويىچە چېمپىيون بولغان.

ئۈرۈمچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا جەمئىي 53 توپ كىرگۈزگەن. ئۇلار 0 گە قارشى 15 توپ بىلەن چاڭجۇ كوماندىسىنى، 0 گە قارشى 9 توپ بىلەن چاڭشا كوماندىسىنى، 0 گە قارشى 10 توپ بىلەن شېنياڭ كوماندىسىنى، 0 گە قارشى 7 توپ بىلەن شېنجېن كوماندىسىنى يەڭگەن. ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0 گە قارشى 10 توپ بىلەن چاڭشا كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

خىتايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ يىل 4-يىلىغا قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاساس قىلغان «شىنجاڭ كوماندىسى» خىتايدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرى بويىچە ئۇدا 4 يىل چېمپىيون بولغان. يېقىندا يەنە ھۆرۇنگېر «چۇيۈەن لوڭقىسى» 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر زەپەر قوچۇپ قايتىپ كەلدى. بۇ مۇسابىقە 15-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھۆرۇنگېر ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 54 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشقان. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ 11 ياشلىقلار ئايرىمىسى بويىچە 16 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 14 مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، ئاخىرىدا نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق ئىككى نومۇر پەرق بىلەن 2-لىككە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرلارغا شان-شەرەپ كەلتۈردى.

يۇقىرىقى نەتىجىلەر بىلەن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى «جۇڭگو پۇتبول ئىسلاھاتى-تەرەققىياتى ئومۇمىي لايىھىسى» دىكى پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ تۇتۇش ۋە پۇتبول ھەرىكىتىنى ئاممىغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى.ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلغان تەنتەربىيە-مائارىپ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇسابىقىنى كۆپەيتىش ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇش، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۇتبول دەرسلىكىنى ئاساسلىق دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش، پۇتبول كەسپىي تېرنېرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى قارار قىلغان ۋە مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. مۇناسىۋەتلىك پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۆت دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى مېخانىزمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدىكەن. مائارىپ تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول مەيدانى شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلايدىكەن، پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش يوللىرى ئېچىلىپ، مۇنەۋۋەر پۇتبول زاپاس ئىختىساسلىقلىرى ئارقا ‏-ئارقىدىن تەربىيىلەپ چىقىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى يوشۇرۇن كۈچى ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي پۇتبول مەستانىلىرىنى ئىلگىرى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان بىر رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، دەپ قارىماقتا. چۈنكى، خىتايدىكى نۇرغۇن كەسىپ ئەھلى: «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا بولۇشى مۇمكىن» دېيىشتى. شۇڭا، ئۇلار ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىغا شارائىت ھازىرلاپ، ياخشى مايسىلارنى قۇرۇتۇپ قويماسلىقنى مۇراجىئەت قىلدى. مەلۇمكى خىتايدىكى كۆپلىگەن تور كېزەرلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا مۇنداق باھا يازغان: «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى شىنجاڭغا باغلىق!»

پۇتبول كەسپىدىن ئايرىلىپ يېقىندا ياۋروپاغا كېلىپ ياشاۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر داڭلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان كۆز قاراش ۋە ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىن يىراق بولساممۇ، يەنىلا پۇتبولغا ئالاقىدار خەۋەرلەر كەسىپداشلىرىم ئارقىلىق كېلىپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ بالىلارنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمەي، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتبولنى خۇددى تىك-تاك توپ ئوينىغاندەكلا ئويناپ يۇقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى. ئۇيغۇرلاردا پۇتبول قىزغىنلىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۈستۈن دېسەك ئارتۇق بولمايدۇ. بۇنى ھېچنەرسە توسۇپ قالالمايدۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، كىچىكىمدىن تارتىپ توپ تەپتىم، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەرگىچە توپ تەپتىم، نۇرغۇن مۇسابىقە ئويناپتۇق، ئۇ چاغدىكى گۈزەل ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇم ۋە ئەسلىمىلىرىمنى ھازىر ئەسلىسەممۇ ھاياجانلىنىمەن، شۇ چاغلاردىمۇ كوماندىدىكى بالىلار ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ئەڭ ھۆرمىتى چوڭ بالىلار ئىدى. پۇتبول ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولدى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ئەمما پەقەت شۇ ھاياجان، قىزىقىش ئۈچۈنلا ئوينىدۇق، ئاخىرى چىقمىدى، كەسپىنى داۋاملاشتۇرالمىدۇق. تېخىمۇ كۆپ پۇتبول مايسىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ كەلگۈسىنى كۆرەلمەي، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت، تەنتەربىيە كومىتېتلىرى مەخسۇس ئورگان تەشكىل قىلىپ پۇتبولنى كەسىپلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ چىقىپ، پۇتبول ھەرىكىتىگە مەبلەغ سېلىشقا كۈچىشى كېرەك. كۇلۇبلار بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ماڭسا، ساختىلىقتىن خالى تۇرۇپ سىستېمىلىق ھەم ئادىل باشقۇرۇلسا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى چوقۇم كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ.»

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنىمۇ سىياسىيلاشتۇرۇشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بەرىبىر پۇتبولدەك بىر ساپ قىزغىنلىق ۋە تالانت تەلەپ قىلىدىغان بۇ كەسپىنىڭ سىياسەتتىنمۇ غالىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ : «ئەمەلىيەتتە مىنىڭ قارىشىمدا، بىزنىڭ پۇتبولچىلىرىمىز مۇسابىقىگە چىقىش پۇرسەتلىرىدىن قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ياش نوتىلارنى تەربىيىلەشكە كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ، مەنمۇ شۇنداق.»

ئۇيغۇر پۇتبول ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭمۇ ۋە باشقا سابىق توپچىلارنىڭمۇ ئوخشاش كۈچ چىقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، دائىرىلەرنىڭ يەنە يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشتە سابىق تەجرىبىلىك توپچىلارنى تەكلىپ قىلىشى، ئۇلارنىڭمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت