خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز شەرتلىرى سەۋەبىدىن قاراماي شەھىرىدىكى «ياخشىلار باغچىسى» مائارىپ فوندى تاقىلىپ قالغان، جەمئىيەتنىڭ بارلىق بىساتى «مېھرىبان ئانىلار» فوندى جەمئىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرغان مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ تاقىۋېتىلىشى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئاۋانگارتلىرىغا قارىتىلغان تەقىبلەش كۈچەيتىلگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىقلارنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.
قاراماي شەھىرىدىكى ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، 2012-يىلى قاراماي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن «ياخشىلار باغچىسى مائارىپ فوندى» نى قۇرۇپ چىققان ئىدى.
«ياخشىلار باغچىسى مائارىپ فوندى» نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى، ھەر قايسى مىللىي تىل، يېزىقتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئەلىيۇل ئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تەسىس قىلىش. ئوقۇش قىزغىنلىقى يۇقىرى، تىرىشچان، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بەلگىلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئوبيېكتلارنى ياردەم بېرىش نىشانى قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، قاراماي شەھىرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ فوندى جەمئىيەت يەنە نۇقتىلىق ھالدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان قاراماي شەھىرىدىن بارغان 5 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش، تۇرمۇش ۋە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتى ئۈچۈن ھەر ئايدا مۇقىم ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. ئۇلار قاراماي شەھىرىدە ئۇيغۇر مائارىپنى قوللاپ قالماستىن، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ كەلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا «ئانا تىل شىركىتى» قۇرغۇچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مۇھەممەد سىدىق، دىليار ئوبۇل قاتارلىق زىيالىيلارنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان ھەر خىل شەكىلدىكى جەمئىيەتلەرنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى قايتىدىن تىزىمغا ئالغان ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتىنى تەسلەشتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن «ياخشىلار باغچىسى مائارىپ فوندى» قۇرغۇچىلىرى ئىدارە ھەيئىتى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمىغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇنلۇق قۇرۇلغان «ئانا تىل شىركىتى» قۇرغۇچىلىرىغا بوھتان چاپلاپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە شىركەتنى تاقىشى نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىش قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ياشلارنىڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
«ياخشىلار باغچىسى مائارىپ فوندى» ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار يۇقىرىقىدەك تەھدىت ۋە ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا فوندى جەمئىيەتنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان ھەمدە قولىدىكى بارلىق ئىقتىسادىنى «مېھرىبان ئانىلار فوندى جەمئىيىتى» گە ئۆتكۈزۈۋەتكەن.
«ياخشىلار باغچىسى مائارىپ فوندىنىڭ خىزمەتلىرىدىن خەۋەردار، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىغان بىر ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.