خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013.05.23
maxmutjan-zunun-imam.jpg كوچىدىكى ئاققۇن خىتايلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلغان 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر زاۋۇتى (باگاڭ) مەسچىتنىڭ ئىمامى ماخمۇتجان زۇنۇن. 2013-يىلى ماي، ئۈرۈمچى.
RFA/Ruqiye

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماي، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى.

5-ئىيۇل ۋەقەسىگە تۈرتكە بولغان شاۋگۇەن ۋەقەسى، 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي ئاققۇن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈشى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پولات زاۋۇتى رايونىنىڭ ئىمامى ماھمۇتجان زۇنۇننىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە باشقا يەنە نۇرغۇن زوراۋانلىقلار بۇنىڭ مىسالى.

خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر زېمىنىدا زوراۋان كۈچكە ئايلاندۇرغان ئاساسى سەۋەبلەر قايسىلار؟ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بىز بۇ توغرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

سۆھبەت خاتىرىسىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.