ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماي، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالدى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىگە تۈرتكە بولغان شاۋگۇەن ۋەقەسى، 7 ياشلىق ئۇيغۇر بالىنىڭ خىتاي ئاققۇن تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلۈشى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پولات زاۋۇتى رايونىنىڭ ئىمامى ماھمۇتجان زۇنۇننىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە باشقا يەنە نۇرغۇن زوراۋانلىقلار بۇنىڭ مىسالى.
خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر زېمىنىدا زوراۋان كۈچكە ئايلاندۇرغان ئاساسى سەۋەبلەر قايسىلار؟ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بىز بۇ توغرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
سۆھبەت خاتىرىسىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.