شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق دوكلات بېرىش پائالىيىتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.11.18

ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرىسى يادلىنىۋاتقان يېقىنقى كۈنلەردە شىۋېتسىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى ھەر ساھەدىكى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىۋېتسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر تارىخى ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي دوكلات پائالىيىتى 15-نويابىر كۈنى ستوكھولمدىكى خەلق ئىنستىتۇتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇللا خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:45 تە باشلانغان ئىلمىي دوكلاتقا مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. ستوكھولمدىكى ئىنگلىز تىلى گىمنازىيىسىنىڭ يۇقىرى يىللىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى فىلورا شىۋېت تىلى بىلەن تەييارلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلغان. ئاندىن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكى مەسلىھەتچى خادىملار سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. دوكلاتتىن كېيىن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ رېستورانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر خانىملار كۆپچىلىك ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇرچە تائام تەييارلىغان. بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش پائالىيىتى ھەققىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئەھۋال تونۇشتۇردى.

17-نويابىر كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيەدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «2008 خىتابنامىسى» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر پائالىيەت «گۇەنتانامودا ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار» دېگەن مەخسۇس نام بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق دىپلومات، ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى توماس ھامماربەرگ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىشلىرى بويىچە شىۋېتسىيەدە تونۇلغان ئادۋوكات ستەن دەررى ھەمدە ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى قاتناشقان. ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە سۆزگە چىققان توماس ھامماربەرگ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى، بولۇپمۇ نۆۋەتتە تېخىچە بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاخىرقى 3 ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلدا مەلۇم ئەلگە يەرلەشتۈرۈلۈش مەسىلىسى بويىچە دوكلات بەرگەن. ئاندىن داڭلىق ئادۋوكات ستەن ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ شىۋېتسىيەگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئادىل ھەكىمجاننىڭ دېلوسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.

مەزكۇر پائالىيەتتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندىمۇ مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ياخشى تەسىر قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.