لاگېر ساقچىسى: ئائىلىسى بىلەن سۆزلەشكەندە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ۋە «ئاللاغا ئامانەت» دېيىشكە رۇخسەت يوق

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.23
lager-towe-aile-tawabiti.jpg «تەربىيەلەش» لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى بىلەن لاگېرنىڭ ئىچكى تۈزۈمى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بۈگۈن ئاڭلىتىلىدىغان قىسمىدا، لاگېردىكىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈش تۈزۈمى بايان قىلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساقچى ۋەزىپە ئۆتىگەن شۇ لاگېردا تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئىككى ھەپتىدە بىر تېلېفوندا، ئايدا بىر كامېرادا كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلغان؛ ئەمما سۆزلەشكەندە لاگېر ئۈستىدىن شىكايەت قىلماسلىق؛ شۇنداقلا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ۋە «ئاللاغا ئامانەت» دېگەنگە ئوخشاش ئاتالمىش سەزگۈر سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى شەرت قىلىنغان.

سوئال: بىر ئائىلىدىن بىر قانچە كىشى بولۇپ قالسا ئۇلارنى بىر ياتاقتا ياتقۇزامسىلەر؟
جاۋاب: ياق. مەيلى ئۆزلىرى مەلۇم قىلسۇن ياكى بىز ئۆزىمىز بايقايلى، قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلىپلا قالساق، ئايرىم بىناغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ھەتتا بەزىدە قەۋەت ئالماشتۇرغان ۋاقتىمىزمۇ بار.

سوئال: بىنا ئالماشتۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بىر بىناغا بىردىن ئورۇنلاشتۇرساڭلارمۇ ئېشىپ قالسا، قەۋىتىنى پەرقلەندۈردىڭلار؟
جاۋاب: شۇنداق، بىر ئائىلىدىن جىق كىشى كېلىپ قالسا،

سوئال: سىز ئىشلىگەن بىنادىكىلەردىن بىر ئائىلىدىن ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە كىشى كىرگەن ئەھۋال بار؟
جاۋاب: تۆت كىشى.

سوئال: ئۇرۇق-تۇغقانلار بولۇپ بىر جەمەتتىنچۇ؟
جاۋاب: ئۇنى بىلمەيمەن.

سوئال: بۇلار بالىسى چۈشىگە كىرىپ قېلىپ ياكى قېرىنداشلىرىنى سېغىنىپ قاقشايدىغان ئىش بولامدۇ؟ بولسا قانداق قىلىسىلەر؟
جاۋاب: بولغان. بىز ئۇلارغا «بۇنىڭ بىردىن بىر يولى ياخشى ئۆگەن، نەتىجەڭ ياخشى بولسا، دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلسەڭ، بۇ يەردىن بالدۇرراق ئايرىلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە پايدىسى بار» دەپ نەسىھەت قىلىمىز.

سوئال: ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت بارمۇ؟
جاۋاب: مەن بار چاغدا دەسلەپتە- مەكتەپ يېڭى ئېچىلغاندا رۇخسەت قىلمىغان. 6 ئايلاردىن كېيىن ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم تېلېفوندا، ئايدا بىر قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرىدىغان بولغان. ھازىر ئاھالىلەر ساقچىخانىمىزغا كېلىپ مەكتەپتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان رۇخسەتنامە ئېلىۋاتىدۇ؛ شۇنىڭغا قارىغاندا ھازىر يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشمۇ بولۇۋاتسا كېرەك.

سوئال: كۆرۈشكەندە قويىدىغان يەنە قانداق شەرتلىرىڭلار بار؟
جاۋاب: يىغلىمايسەن دەيمىز، ياخشى تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىڭنى، ئىدىيەڭنى ئازاد قىلىۋاتقانلىقىڭنى، بۇنىڭ ساڭا پايدىسى بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىسەن دەيمىز؛ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىمىز.

سوئال: دېيىشكە بولمايدىغان گەپلەرنىمۇ ئۆگىتەمسىلەر؟
جاۋاب: بىلدۈرىمىز؛ مەسىلەن خوشلاشقاندا «ماقۇل ئەمىسە»، «خوش ئەمىسە» دەيسەن باشقا گەپ قىلمايسەن دەيمىز، مەسىلەن «ئاللاغا ئامانەت» دېمەيسەن دەيمىز.

سوئال: دەسلەپتە كۆرۈشكەندىچۇ؟ ئەسسالامۇئەلەيكۇم دېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: ياق، ئۇنداق دېگۈزمەيمىز. ئۇنداق دېسە بولمايدۇ.

سوئال: نېمە دېيىشى كېرەك بۇ گەپلەرنىڭ ئورنىغا؟
جاۋاب: «تېنچلىقمۇ» دېيىشى كېرەك، «ياخشىمۇ، قانداقراق؟» دېسە يەنە بولىدۇ.

سوئال: بۇ شەرت ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئوخشاشلا قويۇلامدۇ؟
جاۋاب: ئۇلارغىمۇ شۇنداق، ئۇلار كۆرۈشۈش ئىلتىماسىنى سۇنغان چاغدا، ئۇلارغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ۋە «ئاللاغا ئامانەت دېمەسلىك» ئۇقتۇرۇلىدۇ.

سوئال: مۇشۇ قائىدىنى بۇزۇپ قويۇپ جازالانغانلار بارمۇ؟
جاۋاب: مەن ئىشلەۋاتقان قەۋەتتە بۇنى بۇزغانلار يوق، شۇڭا جازالانغانلارنىمۇ بىلمەيمەن.

سوئال: بۇلاردىن قائىدىنى بۇزۇپ، ئائىلىسى بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆز ئەھۋالىدىن شىكايەت قىلىپ قالىدىغان ئەھۋال بولدىمۇ؟
جاۋاب: ياق بولمىدى، چۈنكى بۇلارنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنىڭ ئالدىدا كەيپىياتىنى كۆزىتىمىز؛ ھەپتىدە بىر ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت بار؛ شۇ سۆھبەتتە ئۇنىڭ مىننەتدارلىق كەيپىياتىنى دەڭسەپ باقىمىز.

سوئال: دېمەك، ئەگەر «تەربىيەلىنىش» كە قارىتا مىننەتدارلىق ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن بولسا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرىسىلەر، بولمىسا ئۇ ئايدا بىر ئېكراندا كۆرۈشۈشمۇ يوق؟
جاۋاب : دەل شۇنداق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.