«جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ دېھقانلارنى يەنە سىياسىي ئۆگىنىشكە مۇپتىلا قىلغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015.11.18
kucha-yaqa-yeza--yighin-rohini-uginish.jpg كۇچا بەھىشباغ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» روھىنى ئۆگىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە ئاچقان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئاخىرلىشىپ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەزمۇن قىلىنغان سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. شۇ قاتاردا كۇچا ناھىيىسىدە بۇ يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش مەقسىتىدىكى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى يەرلىك دېھقانلارنى مۇقىم ھاشارغا تەشكىللەش بىلەن بىللە يولغا قويۇلماقتا.

بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىسى ئاقئۆستەڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل خادىم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « ‹جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى› نىڭ روھىنى ھازىر مۇقىم ئۆگىنىۋاتىمىز. دېھقانلارمۇ ھاشارغا چىقمىغان ۋاقىتلاردا يېزا كادىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىغىن روھىنى گېزىتلەر ئارقىلىق ئۆگىنىۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدىن بولغان «خەلق تورى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 3- نويابىر قەشقەردە ئېچىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ نىشانلىق ۋەزىپىسى 2020 - يىلىغا بارغاندا بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە دىنىي ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش دەپ بېكىتىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر چوڭ يىغىننىڭ نىشانلىق ۋەزىپىسىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تېمىسىنىڭ ئىككىنچى تۈردىكى ۋەزىپىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغانلىقىغا دىققەت قىلغان ئىدى.

بىز ئاقئۆستەڭ يېزىسىدىكى مەسئۇل كادىردىن يېزىدا مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلۇقىنى، يېزىدىكى ياشلارنىڭ باشقا جايلارغا يۆتكىلىش ياكى كېتىپ قېلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«يېزىمىزدا ھازىر دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئاساسەن قالمىدى. ياشلارنىڭ يېزىنى تاشلاپ كېتىپ قالىدىغان ئىشلىرىمۇ يوق، چۈنكى يېشىل كارتا ئارقىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ بۇنىڭ تولۇق ئالدى ئېلىندى.»

تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق مەلۇم بولۇۋاتقان ئوخشىمىغان مەلۇماتلار ئۇيغۇر دىيارىدا «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ھاشار مەجبۇرىيەتلىرىنى يەنىلا داۋاملىق تۈردە ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.