دائىرىلەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا نوپۇس تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قارارى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.10.23
uyghur-elige-kochmen-paxta-terish.jpg خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىن تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ئېلىغا پاختا تېرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 1-سېنتەبىر، شۈچاڭ.
EyePress News

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى 20-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، قەشقەر، خوتەن، كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇس ئىسلاھات تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، بۇ جايلارغا كۆچمەن بولغانلارنىڭ نوپۇس، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئېتىبار سىياسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەتىسى ئۇيغۇر رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، بۇ تۈزۈمنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەتنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىم، تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، رايوندا تۇرۇش ۋاقتى 3 يىلدىن ئاشقانلارنىڭ نوپۇس ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ بۇ قارارى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان» دەپ تەنقىدلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش بەلگىلىمىسى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

بەلگىلىمىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىلايەتلەردە يېزا نوپۇسى ۋە شەھەر نوپۇسى دەپ ئايرىلىدىغان نوپۇس تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن نوپۇس باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ دېيىلگەن.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 20-ئۆكتەبىر ۋە 21-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدىكى خەۋەرلىرىدە بەلگىلىمىنىڭ چىقىرىلىشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ نوپۇس باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىدىكى قاتتىق كونتروللۇقنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىش ھەمدە ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق شىمالدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان نوپۇس بېسىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بەلگىلىمىدە يەنە جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جەنۇبىي رايونلارنىڭ مۇقىم، تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ جايلاردا ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى 3 يىلدىن ئاشقانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتتا، خىزمەت تېپىشتا ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتى قاتارلىقلاردا ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى «جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا نوپۇس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش سىياسىتى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بېكىتىدىن بوشۈن تورىدا «نوپۇس ئىسلاھاتىمۇ ياكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىمۇ؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن فېيسبوئوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا تارقىلىپ، مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دائىرىلەر ئېلان قىلغان «جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونى نوپۇس ئىسلاھات بەلگىلىمىسى» ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلىيەتتە «تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى جەلپ قىلىش، يەرلىك ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ رايون ئاتلاپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىنى ئېتىۋېتىش» مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋەزىيەت ۋە ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كۆپۈۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە بۇ سەۋەبتىن بۇ جايلاردىن قېچىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇقرالىرىنى رايوندا ئولتۇراقلىشىشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل ئېتىبار بېرىش بەلگىلىمىلىرىنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىم، تىنچ ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە، يېقىندا چەرچەن ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر توي قىلسا بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» قاتارلىقلارنىمۇ مىسالغا ئېلىپ، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت چارىلىرىنى تۈزمەي تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان تىنچ مۇقىم ۋەزىيەت يارىتالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ،«دائىرىلەر ئېلان قىلغان بەلگىلىمىدە شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىم تۇرۇش ۋاقتى 3 يىلدىن ئاشقان كۆچمەنلەرنىڭ يەرلىك مىللەتلەر بەھرىمەن بولىدىغان نوپۇستا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە باشقا ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپتۇ ۋە بۇ، كۆچمەنلەرنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىم، تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپتۇ، مانا بۇلارنىڭ ئۆزىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.