قەشقەردىكى بىر دۆلەت خادىمى: ئىپادىسى ياخشىلارنى ئائىلىسى بىلەن 24 سائەتلىك كۆرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.02.25
zulpiqar-eli.jpg ئۇيغۇر رايونىدا لاگېردا يېتىۋاتقان بىر تۇغقىنىدىن تېلېفون كەلگەن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇلپىقار ئېلى(سولدىن بىرىنچى) سەپداشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا. 2019-يىلى يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Shöhret Hoshur

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇلپىقار ئېلى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېردا يېتىۋاتقان بىر تۇغقىنىنىڭ 3 كۈنلۈك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە لاگېردىن چىقىپ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر كۈندىن كېيىن تەكرار ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى لاگېرلاردا بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە مۆھلەت توشقاندىن كېيىن يەنە لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ تۈزۈمنى نېمە مەقسەت بىلەن يولغا قويغانلىقى تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن زۇلپىقار ئېلىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا لاگېردا يېتىۋاتقان بىر تۇغقىنىدىن تېلېفون كەلگەن. تۇغقىنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ لاگېردىن 3 كۈنلۈك قويۇۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە لاگېردىكىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بىز ئۇيغۇر رايوندىكى بىر قىسىم ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ بۇ خىل قويۇپ بېرىلىش ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. قەشقەردىكى مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى، ئۆز ئىدارىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەن خادىملاردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈش ئۈچۈن 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە مۆھلەت توشقاندىن كېيىن تەكرار لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى خادىمىمۇ، بۇ ئىدارىدىن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلەردىن يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، «ئەركىن قادىر» دەپ جاۋاب بەردى. بىز بۇ ئىدارە خادىمىغا ئەركىن قادىر بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى بايان قىلغىنىمىزدا، يەنە بىر خادىم ئۇنىڭ ھازىر يەنە لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پائالىيەتچى زۇلپىقار، تۇغقىنىنىڭ ئۇشتۇمتۇت قويۇپ بېرىلىشىنىڭ چەتئەلدىن كەلگەن ياكى كېلىدىغان بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق خادىمى ئۆزلىرىگە چەتئەلدىن كېلىدىغان بىر تەكشۈرگۈچىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ۋە ھەتتا ئۇلارغا قالايمىقان سۆزلىمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يېقىنقى 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلىش تۈزۈمىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. يۇقىرىدا ئۈچ خىزمەتدىشىنىڭ 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان خادىم، بۇ قويۇپ بېرىلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى، ئەمما جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ لاگېردا ئىپادىسى ياخشى بولغانلار دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى خادىمى ئاقسۇدا لاگېردىن 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. خوتەندىكى مەلۇم بىر ئىدارە خادىمى، ئۆز ئىدارىسىدىن ئەخمەتجان مەتنىياز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر نەدىلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. خوتەن شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى خادىمى، 24 سائەتلىك قويۇپ بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

پائالىيەتچى زۇلپىقارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن تۇغقىنى، لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۆزىدىن ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن رازىلىق سورىغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن گەرچە، لاگېرلاردا يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 24 سائەتلىك ئۇچراشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرلىغان سەۋەبلەر تېخى ئايدىڭلاشمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.