«يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ»: لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشلىرى (4)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018.11.08
lager-derwazisi.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
BITTER WINTER

ئابدۇسالام مۇھەممەت: خىتاي «تەربىيەلەش مەركىزى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زۇلۇمىنى ئادالەت، دەپ ھېس قىلدۇرماقچى.

نۆۋەتتە 1 مىليونىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قاماقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق تېمىغا ئايلانغان بىر كۈندە مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارا دەرۋازىسى ئىچىدىكى سىرلار تېخى تولۇق ئېچىلغىنى يوق.

ئۇنداقتا بۇ لاگېرلار زادى قانداق جاي؟ بۇ يەرگە بەند قىلىنغان كىشىلەر قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ لاگېرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك «تەربىيەلەش ئورنى» مۇ؟

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا بىر مەزگىل قامالغاندىن كېيىن باشقا ئەللەرگە يەرلەشكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدۇق. بۈگۈن ئاڭلايدىغىنىڭلار «يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ 4-قىسمى. بۇنىڭدا يەنە نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

نۆۋەتتە ئاڭلاۋاتقىنىڭلار خوتەندە تىرىكچىلىك قىلىش جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 ئاي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا، ئاندىن ئىككى ئايدىن ئارتۇق ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دە بىگۇناھ ھالدا ئىزتىراپ چەككەن دىنىي زىيالىي ئابدۇسالام مۇھەممەتنىڭ كەچمىشلىرى.

ئۇ، بۇ جەرياندا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز دەرىجىدىكى خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ ۋە شاھىت بولىدۇ.

سۆھبەت ساھىبى ئابدۇسالام مۇھەممەت تۈرمىدىكى كەچمىشلىرىنى ئېغىر ئوھسىنىش ئىلىكىدە داۋام قىلدى. ئۇ تۈرمىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختالغىنىدا كۆز جىيەكلىرىنى ماراپلا تۇرىدىغان ئەلەملىك ياشلىرىنى بار كۈچى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ كېچىدىكى بىر نەچچە سائەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئادەم ئەقلىگە كەلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن قىيناش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغان. تۈرمىدە كامىرىدا پاكىزلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن جازالاش، تاياققا بېسىش ئىشلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 6 ئايلىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ يەردىمۇ يەنە ئىككى ئايدىن ئارتۇق ھەرخىل خورلۇقلارغا ئۇچرايدۇ. ئۇ شۇ يەرگە كەلگەندە خىتاي مەزكۇر «مەركەز» لەر ھەققىدە كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتقان ئىزاھاتلارغا كۈچلۈك رەۋىشتە رەددىيە بەردى.

ئابدۇسالام مۇھەممەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ قامالغان مەزگىل خىتاي ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» سىياسىتىنى تېخى كۆلەملەشتۈرمىگەن بولغاچقا، ئۇ خىتاي تۈرمىلىرىگە 9 ئايغا يېقىن قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئۇ بۇ جەرياندا، ئۆزى ئېرىشكەن قىسقىغىنە ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ، كۆپ مىقداردا پۇل خەجلەپ پاسپورت سېتىۋالىدۇ ۋە ئانا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ، يات تۇپراقلارغا سەپەر قىلىش، قىسقىسى سەرسان بولۇش سەپىرىنى باشلايدۇ.

ناھايەت، ئۇ بىر يوللارنى قىلىپ ئاخىرى تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىنى تۈركىيەدە بىر قەدەر تۇراقلىشىدۇ. ئەمما، تۈركىيەگە يەرلىشىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشمۇ، ئۆز خەلقى ئۈستىدىكى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇم ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازاب ئوتلىرىنى پەسەيتەلمەيدۇ ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. ئۇ بۇ تۇيغۇلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، سابىق لاگېر مەھبۇسى ئابدۇسالام مۇھەممەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز ئاساسىدا تەييارلانغان «‹يۈرىكىمىز قان يىغلايدۇ›: لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشلىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگرامما مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. رەھمەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.