پاسپورتى يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-12-06
Share
uyghurda-pasport-yighish.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىدە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش.
Social Media

پاسپورت دېگىنىمىز، بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا دۆلەت ھالقىپ چېگرادىن چىقىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان خەلقئارالاشقان كىملىك. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن چەتئەلگە چىقىشى ئالدى بىلەن پاسپورت ئېلىشىنىڭ تەسلىكىدەك توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدى. ئۆتكەن ئايدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، قايتىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىق پاسپورت ئىگىلىرىنىڭ قولىدىكى پاسپورتلىرىنى قىسقا مۆھلەت ئىچىدە مەجبۇرىي يوللار بىلەن يىغىۋېلىشى خەلقئارادىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئالدى-كەينى بىر ئاي ئىلگىرى سەۋەبسىز يىغىۋېلىنغان پاسپورتلار ھازىرغىچە پاسپورت ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكتىن، چېگرا ئاتلاپ ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش، چەتئەللەردە سودا قىلىش ۋە كېسەل داۋالاشقا موھتاج كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن توسالغۇ ۋە ئاۋارىگەرچىلىك ھەمدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇلىرىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ۋە تۇيۇقسىز پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى، بولۇپمۇ بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى تەمتىرىتىپ قويغان، ئۇلار ئاران ئېرىشكەن ئوقۇش پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ، ماڭغان يول، بېجىرگەن رەسمىيەت ۋە ئوقۇش پۇللىرى بىكارغا كېتىشتەك زور زىيانلارغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

خىتايدا ھازىر تارقىتىلىۋاتقان پاسپورت شەخسىي پاسپورت، ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى ۋە دىپلوماتىيە پاسپورتى قاتارلىق 3 خىل بولۇپ، ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن ئايدا 1-خىل پاسپورتى بارلار يەنى پۇقرالارنىڭ ساياھەت، تۇغقان يوقلاش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش، شەخسىي سالاھىيەت بىلەن بېرىپ-كېلىپ تىجارەت قىلىش، چېگرا سىرتىدىكى مۈلۈككە ياكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ھەج تاۋاپ قاتارلىق قانۇنلۇق سەۋەبلەردىن چەتكە چىقىدىغان پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىپ‏-كىرىشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان پاسپورتلار بىردەك يىغىۋېلىندى.

خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن پاسپورتىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ئالالمىغانلىقتىن، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا مېڭىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بىر قانچە ياشنىڭ، رادىيومىزدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر يوللىشىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تۇيۇقسىز پاسپورتلارنى يىغىۋېلىش ھەرىكىتىدە، ئاران تەسلىكتە ئوقۇش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر بىلىم ئاشۇرغۇچىلارنىڭمۇ يولى ئېتىلىپ قالغان. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار چېگرا ئاتلاشتا بېجىرىشكە تېگىشلىك ۋىزا ۋە باشقا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن سىرت، ھەتتا ئايروپىلان بىلەتلىرىنى ئېلىپ بولغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ «پاسپورتۇڭلارنى تەكشۈرۈپ بولۇپلا قايتۇرۇپ بېرىمىز» دەپ ئېلىپ قېلىشى بىلەن، ئالدى بىر ئاي، قالغانلىرى ئىككى-ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان چېگرادىن چىقالماي كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان.

خوتەندىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا مېڭىشقا ئىككى كۈن قالغاندا، دائىرىلەر تەرىپىدىن پاسپورتى يىغىۋېلىنغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزى ئېلىنغان مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش سۈرۈكى توشاي دەپ قالغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا مەكتەپكە يېتىپ بارمىغاندا، بۇ دېھقان بالىسىنىڭ ئاراندا بېجىرگەن ئوقۇش رەسمىيەتلىرى بىكار قىلىنىپلا قالماي، ئاتا، ئانىسىنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلى بىلەن تۆلىگەن ئوقۇش راسخوتلىرىمۇ كۆيۈپ كېتىدىكەن.

ئامالسىز قالغان بۇ ياش خوتەن لوپ ناھىيىسىدىكى پاسپورتنى يىغىۋالغان ساقچىخانا، ۋىلايەتلىك چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ، ئەھۋالىنى ئېيتىپ پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دائىرىلەر «سەن بارىدىغان مەكتەپ توردىن تېپىلمىدى، رەسمىيەتلىرىڭ يەنە كەم تۇرىدۇ، يۇقىرى ئورۇنلاردىن رۇخسەت خېتى ئېلىپ كەل» دېگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، يولسىزلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ قايتۇرۇۋەتكەن، ئامالسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قانچىسى خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە ھەتتا ئاپتونوم رايونلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بېرىپمۇ ئەھۋال مەلۇم قىلغاندا بولسا، ئۇلار ئەكسىچە «پاسپورتۇڭلارنى يىغىۋالغان ئورۇندىن سوراڭلار، يەرلىكنىڭ ئىش بېجىرىشىدە ۋەزىيەتكە قاراپ يەرلىك بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ، بىز ئارىلاشمايمىز» دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشكەن خالاس. مۇشۇ خىل ئامالسىزلىقتا بەزى ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگىنى بولغان بىزدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن چەتئەلگە چىقىشى، ئالدى بىلەن پاسپورت ئېلىشنىڭ تەسلىكىدەك توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدى. پاسپورتقا تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەپ ئاران ئېرىشكەنلىرى بولسا، دائىرىلەرنىڭ مانا شۇنداق سەۋەبسىزلا قوللىرىدىكى پاسپورتلىرىنى تارتىۋېلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بىز يىغىۋېلىنغان پاسپورتلارنىڭ پۇقرالارنىڭ قولىغا قاچان قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى، بۇ ئىشلارغا قايسى ئورگاننىڭ مەسئۇل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، خوتەندىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنغان لوپ ناھىيىسىدىكى ياۋاغ ساقچى پونكىتى بىلەن ئالاقىلاشتۇق:

-ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋاپتىكەنسىلەر، قاچان قايتۇرۇپ بېرىسىلەر؟
-تەكشۈرۈپ بولۇپ قايتۇرۇپ بېرىدىغانغا بىز يىغىۋالغان، پاسپورتلارنى لوپ ناھىيىلىك گۇڭئەنچۈدىن ئېلىپ كەتكەن، ئۇلاردىن تېخى ئۇقتۇرۇش كەلمىدى. ئۇلار ئۇقتۇرۇش قىلغاندا قايتۇرۇپ بېرىدىغان گەپ.
-ئوقۇغۇچىلار ۋاقتىدا ئوقۇشقا بارالمىسا، ئاممىنىڭ ساياھەت ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىسا، زىيان تارتسا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟
-بۇنى بىلمەيمەن، ئۇنى لوپقا تېلېفون قىلىپ ئۇقۇپ بېقىڭ، لوپ ناھىيىلىك گۇڭئەنچۇدىن سوراڭ، خېنىم ماۋۇ دېگەن پەيچۇسونىڭ تېلېفونى ماۋۇ، بىز ئالدىراش....

بۇ ساقچى شۇنداقلا دەپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.

بىز يەنە لوپ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق:
-يىغىۋالغان پاسپورتلارنى قاچان قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟
-ئۇنى شېنيەن قىلىپ(تەكشۈرۈپ بولۇپ) قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇقتۇرۇش كەلمىدى تېخى.
-چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغان بالىلارنىڭچۇ؟ ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بەرمىسەڭلا ئوقۇشىغا تەسىرى بولمامدۇ؟
-ئۇ قانداقكى تېخى، ئۇقتۇرۇش كەلمىدى، بىز ئۇنى ئۇقمايمىز....

تېلېفون ئۈزۈلدى.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالاقە خىزمەتلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھېمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىرلىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇلمېھىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتىلدە تۈركىيەدىن يۇرتلىرىغا قايتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋاقتىدا مەكتەپكە قايتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئاخىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ پاسپورتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. ئابدۇلھەمىت ئەپەندى گەرچە بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىم ۋە تەھدىت ئاستىدىكى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن، بۇ ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەھۋاللارنى ۋاقتىنچە ئاڭلاتماي تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىنكاس ۋە ئىگىلەشلىرىمىزدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىگە ئۇلاپلا، چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە بارغان تارىخى بار پاسپورت ئىگىلىرىنى نۇقتىلىق سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقى، تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە تۈركىيەدىن ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭمۇ تۈرلۈك سوراق ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىنى 10-ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئۇقتۇرۇش ۋە مۆھلەت بىلەن باشلاپ، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا، بارلىق ساقچى پونكىتلىرى، مەھەللە كومىتېتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، پاسپورتلارنى پۈتۈنلەي يىغىپ بولغان ئىدى. ئەمما پاسپورتلارنىڭ قاچان قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت