قەشقەر شەھەر چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، قەشقەر يېڭىبازار ساقچىخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي يېتەكچى ئابلەت تۇراپ، خىزمەت داۋامىدا يەنى قاتتىق زەربە دولقۇنىدا پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 7 يىللىق كېسىلگەن. 2015-يىلى يۈز بەرگەن قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمىنىڭ باش گۇماندارى ئاتاۋۇللا داۋۇتنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، چاسا كوچا باشقارما ساقچىخانا باشلىقى ئالىمجان، قەشقەر شەھەرلىك رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.
قەشقەر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر، ئۇيغۇر رايونىدا نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان يېپىق تەربىيەلەش دولقۇنىدا ساقچىلارغا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى تەلەپ قويۇلۇۋاتقانلىقى، ساقچى خادىملىرىنىڭ، بولۇپمۇ ساقچىخانا باشلىقلىرىنىڭ دېلونى سالماقلىق بىلەن ياكى پۇختا بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيەسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن، سىياسىي چاقىرىققا ماسلاشماسلىق ياكى پاسسىپلىق، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىل قارالغانلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ياكى قاماق جازاسىغا بۇيرۇلۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. قەشقەر شەھەر چاسا ئامانلىق مۇدىرى، ئەنە شۇ خىل جازاغا ئۇچرىغانلاردىن يېڭىبازار ساقچىخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي يېتەكچى ئابلەت تۇراپ ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، سىياسىي يېتەكچى ئابلەت تۇراپ، قايتا تەربىيە ھەرىكەت دولقۇنىغا قارىتا ھېچقانداق بىر نارازىلىق پىكىر بايانىدا بولمىغان؛ ھەرقانداق بىر گۇماندارنى ئاقلاش ياكى قوغداش تىرىشچانلىقىدىمۇ بولمىغان؛ پەقەت بەزى دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەستايىدىل بولغانلىقى ۋە تەپسىلىي ئېنىقلاشقا تىرىشقانلىقى، يەنى گۇماندارلارنى تەربىيەلەش مەركىزى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا دەرھاللا يوللىمىغانلىقى ئۈچۈن، «سىياسىي ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ قارالغان ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەمما سىياسىي يېتەكچى ئابلەت ئۈستىدىكى دېلو ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە خىزمەتداشلىرىدىنمۇ مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغاچقا؛ ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىشىگە كونكرېت قايسى ئىش ياكى قايسى دېلونىڭ سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
يەنە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى يېپىق تەربىيە دولقۇنى، ئادەتتە ئىنساپ ۋە بەلگىلىك ئەخلاق دائىرىسىدە ئىش بېجىرىدىغان بىر تۈركۈم ساقچى خادىملىرىغا پالاكەتچىلىك ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تۈركۈم مەنپەئەتپەرەس ساقچى خادىملىرى ئۈچۈنمۇ ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش، بايلىق توپلاش ۋە خىتاي باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىشنىڭ« ئالتۇندەك» بىر پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، چاسا ئامانلىق مۇدىرى تىلغا ئالغان قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئالىمجان، ئەنە شۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشكەنلەردىن بىرى ئىكەن. ئۇ، 2014-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن تاختاكۆۋرۈك ھۇجۇمىنىڭ باش گۇماندارى ئاتاۋۇللا داۋۇتنى ئەينى چاغدا ۋەقەدىن بىر ھەپتە كېيىن پاناھلانغان جايىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ۋە يېپىق تەربىيەلەشكە ئادەم توپلاشتا ئىنسانىي مېھرى شەپقەتنى ئۇنتۇغان ھالدا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا بۆلۈمىگە مۇئاۋىن باشلىقلىققا ئۆستۈرۈلگەن. يەنە بۇ ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە چاسا كوچا باشقۇرۇش رايونىدىكى مۇقىملىق كادىرى ئەكرەم بىلەن بۈۋىھەجەرمۇ، «خىزمەتكە ئاكتىپ ماسلاشماسلىق» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئىپادىسى بولۇش» گۇمانى بىلەن يېپىق تەربىيە مەركىزىگە ئەۋەتىلگەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمى 2015-يىلى 22-ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن. ھۇجۇم ئاتاۋۇللا داۋۇت باشچىلىقىدىكى بىر جەمەت كىشىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ۋەقەدە تاختا كۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىنىپ، 3 نەپەر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ھالدا 22 كىشى ئۆلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئەينى چاغدا ئاخباراتتىن يوشۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى يىلى قەھرىمانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ساقچى خادىمى ئابدۇساتتار ھاجىنى تونۇشتۇرۇش داۋامىدا ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
0:00 / 0:00