دوكتور خالمۇرات غوپۇرغا كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.26
Xalmurat-ghopur-2016.JPG خالمۇرات غوپۇر بېيجىڭدىكى مەركىزىي خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىدە. 2016-يىلى ئاۋغۇست.
CCTV

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىل 1‏-ئايدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى غوللۇق زىيالىيلاردىن دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ «يوشۇرۇنچە بۆلگۈنچىلىك قىلىش» قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا كەلگەن «ۋەتەندىن سادا» ماۋزۇلۇق مەكتۇپتا نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىشلەردە 1-، 2- ۋە 3-دەپ نومۇر قويۇلغان ساقچى ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى، يەنى «ئىبرەت فىلىمى» نىڭ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى، فىلىملاردىن بىرىدە دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر مەكتۇپتا ئەنە ئاشۇ «ئىبرەت فىلىمى» دىكى بايانلارغا ئاساسەن شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ۋە جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان.

مەكتۇپتىكى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى بىز ئالدىنقى ھەپتە زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈم مۇدىرىنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە دەلىللىدى.

مۇخبىر: سىلەر تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاشۇ ساقچى ئاگاھلاندۇرۇش فىلىملىرىدا دوكتور خالمۇرات غوپۇر ھەققىدە نېمىلەر دېيىلگەن؟
سىياسىي بۆلۈم مۇدىرى: ئاساسلىقى ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، ئالىي مەكتەپنىڭ دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ئەكسىيەتچى تەشۋىقاتلار ئېلىپ بارغان. . .

رادىيومىزغا كەلگەن «ۋەتەندىن سادا» ناملىق مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقات ۋە ئىبرەت فىلىملىرىدا دوكتور خالمۇرات غوپۇرنىڭ جىنايى پاكىتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ «. . . 2030‏-يىلىغا بارغاندا خەلىپىلىك قۇرماقچى بولغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتىكى بۇ بايانلارمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سىياسىي بۆلۈم مۇدىرىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە پاراللېللىق ھاسىل قىلماقتا:

«. . . خالمۇرات غوپۇر» ئۆزىگە خاس بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ داھىيسى بولماقچى بولغان. . . »

مەزكۇر خادىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە يەنە خالمۇرات غوپۇرنىڭ ماگىستىر ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن تارتىپ 33 يىل يوشۇرۇن شەكىلدە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈنۈگۈن قەشقەر توققۇزاق ناھىيەسىنىڭ بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ساقچىخانا خادىمى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق غوللۇق زىيالىيلارنىڭ جازالىنىش جەريانى ھەققىدىكى تەشۋىقات-ئىبرەت فىلىملىرىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇمۇ بۇ فىلىمدا كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن خالمۇرات غوپۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى غوللۇق خىياللاردىن خالمۇرات غوپۇر 1993‏-يىلى رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 1996‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى، 1998‏-يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇدىرى بولغان. 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن. تور ئارخىپلىرىدىكى بەزى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خالمۇرات غوپۇر 2009‏-يىلىدىكى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خىتاي پۇقرالىرى توپلىشىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم باشلىغاندا ئۇ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كالتەك-تاياقلار بىلەن ئۆزلىرىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئەينى چاغدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى لى بىڭ بىلەن مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئائىت مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.