رابىيە قادىر: خىتاينىڭ «شىنجاڭ چۈشى» چۈش پېتى قېلىۋېرىدۇ
2013.05.16
خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە زور نەتىجە ياراتقانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى، ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغانلىقىنى قايتىدىن تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما، خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر خەۋەرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ يىلنىڭ خىتاي نوپۇس يۆتكەش، بايلىق ئېچىش، يەر ئىگىلەش ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرغان، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن، بۇلارغا قارشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كەسكىنلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئىلگىرىلەپ جىددىيلەشكەن ئۈچ يىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان مىڭ كۈندىن بۇيان تىلغا ئالمىغان، ئەمما ئاشكارا نۇقتىلارنى يورۇتۇپ بەردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.