ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.09.17
yaponiye-xitay-elchixanisi-uyghurlargha-teklipname.jpg توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسى.
RFA/Qutluq

9-ئاينىڭ 13-كۈنى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي مەسىلىلىرى ئۇچۇر يىغىنىدا ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم ياپونىيەدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنى ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتى ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن، خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەرىكىسىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاپ، بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىگە تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خانىم سۆزىدە، خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىردەك 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، پائالىيەت سورۇنلىرى خىتاي ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ۋە باشقا جايلاردىكى خىتاي رېستورانلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ،يەنە بۇ قېتىمقى خىتاي دۆلەت بايرىمىغا قاتنىشىش تەكلىپنامىسىنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا تارقىتىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەرىكىسىگە قاتنىشىش تەكلىپنامىسى مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى پوچتا ئارقىلىق ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا بىردەك تارقىتىلىپ بولغانلىقىنى، زىياپەتكە قاتنىشىش تەكلىپنامىسىگە ئائىلە باشلىقلىرى قاتنىشىش ۋە ياكى قاتناشماسلىقىنى شۇنىڭدەك قاتناشسا ئائىلىسىدىن قانچە كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگە قەدەر ئەۋەتىلگەن باغاقچىغا قول قويۇپ خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىگە تىزدىن يوللاپ بېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكلىپنامىدە ئالاھىدە ئەسكەرتكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

ئۇ خانىمنىڭ ئېكران ئارقىلىق كۆرسەتكەن خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپنامىسىدە «قەدىرلىك ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى ۋە ياپونىيەدە مەڭگۈ تۇرۇشلۇق ھوقۇقىدىكى جۇڭگولۇق قېرىنداشلار، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەبرىكلەش پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. پائالىيىتىمىزگە خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىمۇ قاتنىشىدۇ ۋە مۇھىم سۆز قىلىدۇ. پائالىيەتكە ئۇندىن باشقا ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ۋەتەنسۆيەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىزدىن باشقا بىزگە يېڭىدىن ئەزا بولۇشنى ئويلىشىۋاتقان ياپونىيە پۇقرالىقىدىكى جۇڭگولۇقلارنى تونۇشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە قىزغىن قارشى ئالىمىز. زىياپىتىمىز ھەقسىز، ئائىلە بويىچە كۆڭۈل ئېچىپ ئويناپ كېتىڭ. گۈزەل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز مۇھاجىرلىرىغا تۇتۇۋاتقان ئەۋزەل سىياسىتىدىن بەھرى ئېلىڭ. بىز بىلەن دوستلىشىڭ، جۇڭگو ئەلچىخانىسى چەتئەلدىكى ئىللىق يۇرتىڭىز» دېيىلگەن.

ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،مۇنداق دېدى:
-توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇا، ئوساكادىكى مۇئاۋىن خىتاي كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا خىتاي دىپلوماتلىرى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگە قەدەر ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەرياندا، ئۈرۈمچىدىكى 14 ئورگاننىڭ خادىملىرىغا ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. بەلكىم شۇ دوكلاتتىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تاپشۇرۇقى بىلەن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا باشقىچە ئىللىق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى پىلانلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى پائالىيەت بۇ پىلاننىڭ باشلىنىشى. خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى ئويلىشىۋاتسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

بىز ئاخىرىدا مەزكۇر خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىگە ئۆزگىچە قاراشلىرى بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ياپونىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.