يېزا سېكرىتارىدىن كەنت سېكرېتارغا بۇيرۇق: «قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى خەنزۇغا بەرمىسەڭ، سېنىڭ كەنتىڭگە مەبلەغ يوق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.01.28
xitay-hoddigerliri-oy-yopurgha.jpg خىتاي ھۆددىگەرلىرى سالغان ئاتالمىش ئەمىنلىك ئۆيلىرى «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر» دىن كۆرۈنۈش. يوپۇرغا.
RFA/Shohret

ئۆتكەن ھەپتە يوپۇرغىنىڭ بايئاۋات يېزىسىدا، بىر گاز قۇرۇلۇش ئەترىتى يەر ئىگىلىرىدىن رۇخسەتسىز ھالدا مەلۇم بىر ئېتىزلىقنى ئاغدۇرۇش ۋە كولاشقا باشلىغان. بۇ ئەسنادا ئاھالىلەردىن 20 نەچچە كىشى ئېتىز بېشىغا كېلىپ يەر كولاش ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە يەردىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە ئۆزلىرىگە تۆلەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن يەرلىك ئەمەلدارلار دېھقانلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تەھدىت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن. تەھدىتلەر ئارىسىدا يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارغا بويسۇنۇشتىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى يوشۇرمىغان ۋە كۆپچىلىكنىمۇ خىتايلارغا شەرتسىز بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان.

تەھدىت سۆزلەردىن پاش بولۇشىچە، يېزىلىق پارتكومنىڭ خىتاي سېكرېتارى كەنت سېكرېتارلىرىغا، ئەگەر قايسى كەنت قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكىنى خەنزۇلارغا بەرمىسە، دۆلەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سانىنى شۇ كەنتكە بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر بىناكارغا كۋادرات مېتىرى 570 سومدىن بېرىلمىگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى، خىتاي بىناكارغا 620 سومدىن بېرىلگەن.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.