سىياسىي ئانالىزچىلار: ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ
2016.02.29
خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەدەنىيەت تەشۋىقات ھەرىكىتى» قوزغاشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ مەقسىتى مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكەن.
بۇ خىتاينىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قانات يايدۇرۇپ كەلگەن مەدەنىيەت-سەنئەت ئارقىلىق «دىنىي ئاشقۇنلۇققا»تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر سىياسىي مەدەنىيەت تەشۋىقات ھەرىكىتى.
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى رايوندا لېكسىيە سۆزلەش، مەدەنىيەت -سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغاشنى قارار قىلغان.
ئەمما بۇ ھەرىكەت دەرھال ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەبدى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، دىققىتىڭلار ئىلشات ھەسەن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.