غۇلجا بايكۆلدە 8 مو بۇغدايلىقنى دېھقاننىڭ رازىلىقىسىز مەجبۇرىي ئاغدۇرۇۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ يېزا بايكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان تۇرسۇن تۇرغۇننىڭ 8 مو بۇغدايلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى يېرىم كېچىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن.

بۇنىڭ بىلەن 10 جانلىق بۇ ئائىلىنىڭ بۇ بىر يىللىق ئەمگىكى بىكار بولغان، بىر يىللىق ئوزۇق-تۆلۈكى ھاۋاغا ئۇچقان؛ تېخىمۇ مۇھىمى ئارىدىن 12 كۈن ئۆتكىنىگە قارىماي، بۇ ئائىلىگە بۇ زىيانكەشلىكنىڭ كىملەر تەرىپىدىن سېلىنغانلىقى تېخىچە ئېنىقلانمىغان. كەنت ئاھالىلىرى تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، بۇ ئىشنى بايكۆلدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋالماقچى بولغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ياكى يەرنى شىركەتكە ساتماقچى بولغان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئەمما يۇقىرىقى ھەر ئىككى تەرەپ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنى رەت قىلغان.

  1. سوئال: بۇ غۇلجا شەھەر بايكۆلدىكى بىر ئائىلىنىڭ تېلېفونىمۇ؟
    جاۋاب: ھە، شۇنداق.
    سوئال: ئاڭلىساق، سىلىنىڭ مۇشۇ كەنتتە بىر ئائىلىنىڭ بۇغداي تېرىغان يەرلىرىنى كېچىدە مەجبۇرىي ئاغدۇرۇۋەتكەن ئىش باركەن، توغرىمۇ؟
    جاۋاب: مەنمۇ شۇنداقراق گەپلەرنى ئاڭلىدىم، ئۆيلەرنى ئۆرۈۋېتىپتۇ، بۇغدايلىقلارنى ئاغدۇرۇۋېتىپتۇ دەپ. بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆيى كەيفاغا (قۇرۇلۇشقا) توغرا كېلىپ قالغان كىشىلەر بار، شۇلاردىن بىرنى چاقىرىپ قوياي.
    سوئال: ياخشىمۇسىز، سىزنىڭ شۇ ئىشتىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
    جاۋاب: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلار، قۇرۇلۇشقا توغرا كەپ قالدى، يولغا چۈشۈپ قالدى دەپ، دېھقاننىڭ رازىلىقىنىمۇ ئالماي چېقىپلاۋاتىدۇ، بۇزۇپلاۋاتىدۇ؛ 4-5 كۈننىڭ ئالدىدا مېنىڭ بىر قوشنامنىڭ كۆپكۆپ بۇغدايلىقىنى ئاغدۇرۇۋەتتى. ئۇ ئۈرۈمچىگە ئەرز قىلىپ كەتكەن، بۈگۈن قايتىپ كەپتۇ، نېمە دەپ كەلدى ئۇقمىدۇق تېخى.
    سوئال: تەخمىنىڭلارچە، بۇ ئىشنى كىم قىلىشى مۇمكىن؟
    جاۋاب: كەنتىمىزنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، كەنت باشلىقى قەيسەرنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ ھېچكىم ئۇنداق قىلالمايدۇ، قۇرۇلۇشچىلارمۇ ئۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. قەيسەر ئۆزى جىق ئادەمنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ چاققۇزۇۋەتتى.
  2. سوئال: سىز تۇرغۇن تۇرسۇن بولامسىز، بايكول كەنتىدىكى؟
    جاۋاب: شۇنداق، مەن شۇ.
    سوئال: ئاڭلىساق، سىزنىڭ 8 مو بۇغدايلىقىڭىز سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارسىز ئاغدۇرىلىۋېتىپتۇ، توغرىمۇ؟
    جاۋاب: توغرا، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدە شۇنداق بولدى. مەن ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە ياشايمەن، 18-ماي كۈنى ئەتىگەندە دادام تېلېفون قىپتۇ يىغلاپ، شۇنىڭ بىلەن دەرھال يولغا چىقتىم.
    سوئال: بۇغداينى ئورۇۋەتكەن گەپمۇ، يەرنى ئاغدۇرۇۋەتكەنمۇ؟
    جاۋاب: ئاغدۇرۇپلاۋېتىپتۇ.
    سوئال: كىملەر، نېمە ئۈچۈن ئاغدۇرۇۋېتىپتۇ؟
    جاۋاب: يېرىمىز دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا توغرا كەپقاپتىكەن، بۇلتۇر كەنتتىكىلەر كېلىپ يېرىڭلار قۇرۇلۇشقا توغرا كەلدى، يەر دۆلەتنىڭ قانداق قارايسىلەر، دېدى. بىز بولىدۇ بېرىمىز، كېيىنلىكىمىزنى ئورۇنلاشتۇرسۇن، مۇۋاپىق تۆلەم بەرسۇن، دېدۇق، ئەمما بەرمەكچى بولغان پۇلىغا رازى بولمىدۇق، رەت قىلدۇق، كېلىشەلمەي تۇرۇۋاتقان.
    سوئال: كەنتكە بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟
    جاۋاب: قىلدۇق، كەنتتكىلەر قۇرۇلۇشچىلارغا، قۇرۇلۇشتىكىلەر كەنتتىكىلەرگە ئىتتىرىشىۋاتىدۇ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادەم يوق.
  3. سوئال: سىز كەنت باشلىقى قەيسەرمۇ؟
    جاۋاب: شۇنداق، مەن شۇ؟
    سوئال: ئاڭلىساق، سىلىنىڭ كەنتتىكى بىر ئائىلىنىڭ 8 مو بۇغدىيى ئۇلارنىڭ رازىلىقىسىز ئاغدۇرۇلىۋېتىپتۇ؛ مۇشۇ ئىش قانداق ئىش، باش-ئاخىرىنى دەپ بەرسىڭىز؟
    جاۋاب: سوئاللىرىڭىزنى يازما ھالەتتە يوللاپ بېرىڭ، بولمىسا جاۋاب بېرەلمەيمەن.
    سوئال: سورىلىۋاتقىنى سەزگۈر بىر مەسىلە ئەمەس، ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بىر يەرنىڭ ئىشى، بۇنى مۇنداق مۇرەككەپلەشتۈرۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى.
    جاۋاب: ھەر ئىشنىڭ بىر تەرتىپى بولىدۇ؛ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان، شەھەر، ئاپتونوم، رايون مەركەز بار، ئۇلار شۇلارغا بېرىپ ئەرز قىلسا، سىلەرمۇ شۇلاردىن سورىساڭلار بولدىغۇ؟
    سوئال: بۇ ئىش سىز باشقۇرۇۋاتقان كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىق مەسىلە، شۇڭا سىزدىن سوراۋاتىمىز.
    جاۋاب: ئەتىگەن بىرى گۇاڭجۇدىن تېلېفون قىلىپ، مەن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دېدى، ئەمدى سىز تېلېفون قىلدىڭىز، بۈگۈن بۇ ئىش ھەققىدە 4-5 كىشى تېلېفون قىلدى، ھەممىسىگە جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟
    سوئال: دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئاغدۇرۇۋېتىدىغان چاغدا، زىيان سالىدىغان چاغدا قانۇن-تەرتىپنى سۈرۈشتە قىلمايدىكەنسىز، مەلۇمات بېرىدىغان چاغدىلا مۇشۇنداق تەرتىپ سۈرۈشتە قىلامسىز؟
    جاۋاب: مەن يىغىندىن چىقتىم، تاماق يېگىلى كېتىپ بارىمەن، چارچىدىم، خاپا بولماي، فونكىسىيەلىك ئورۇنلاردىن سوراڭ.
  4. سوئال: بايكۆل كەنتىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەتراپىڭىزدىكى بۇ ئىشلارغا قانداق قارايسىز؟
    جاۋاب: مەن دېھقان ئەمەس، ئەمما بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىمەن، بۇلارمۇ يەرنى بەرمەيمىز دەۋاتىدۇ، بىزنى رازى قىل، بېرەيلى دەۋاتىدۇ. ھازىر بىزنىڭ بۇ بايكۆلدىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ بارغانلار دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشلىرىمۇ ئەمەس، ئىچكىرىدىن چىققان ئۆي سودىگەرلىرى. شۇڭا دېھقانلارنىڭ دەۋاتقىنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا « بىر شەخسنىڭ يېرىنى يەنە بىر شەخسكە مەجبۇرىي تارتىپ ئېلىپ بەرسە بولامدۇ دەۋاتىدۇ؛ بۇ ھەقتە نارازىلىق بەك جىق، ھەقسىزلىق بەك جىق. دېھقانلار ھۆكۈمەتتىن ئومۇميۈزلۈك نارازى.