خىتاي ئانالىزچىلىرى: 14-فېۋرال خوتەن ۋەقەسى چېن چۈەنگونىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.02.16
xitay-saqchi-herbiy-maniwer-xoten.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.
AFP

14-فېۋرال خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم خوتەندە يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق توقۇنۇش.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ، پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ رايوندا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەن ھەپتە خوتەن ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ئاۋۇدۇن قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندا يۈز بېرىشى، تاراتقۇلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ قاتارلىق خىتاي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يەنە كۆپىيىشىگە چېن چۈەنگونىڭ بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاراتقۇلىرى 14-فېۋرال خەۋەر بېرىپ، خوتەندە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پۇقرالاردىن 5 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشى يارىلانغانلىقىنى، پىچاقلىق ھۇجۇم قوزغىغان 3 كىشىنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 8-ئايدا رايوندا 2010-يىلدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئەمەلدار جاڭ چۈنشەننىڭ ئورنىغا تىبەت ئاپتونوم رايونىدا بىر مەزگىل ۋەزىپە ئۆتىگەن چېن چۈەنگونى پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە چېن چۈەنگو رايوندا بىر قاتار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، رايوندا مىللىي باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن مەزگىلدە ئوخشاش رايوندا يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق قارشىلىق ۋەقەسى ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى ۋە ئامېرىكدىكى فورستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ما خەييۈن ئەپەندىلەر مەزكۇر ۋەقە ۋە رايون ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن بىر قاتار رادىكال سىياسەت، بەلگىلىمىلىرىنىڭ 14-فېۋرالدىكى خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئوخشاش قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى، چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان رايوندا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، يېڭىدىن بىر قىسىم رادىكال سىياسەتلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما رايون ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، 14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى:«ئەلۋەتتە، چېن چۈەنگو ئىلگىرىكى ئەمەلدار جاڭ چۈنشەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەندىن بۇيان، ئۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا جاڭ چۈنشەندىنمۇ رادىكال بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. ئەمما ئۇ، رايوندا مۇقىملىقنى قانچە تەكىتلەپ، جىددىي تەدبىرلەرنى كۆپەيتكەنسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن ۋەزىيەت شەكىللەندى. نۆۋەتتە ئۇ يولغا قويغان بىر قىسىم قاتتىق بەلگىلىمىلەر ۋە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە ‹چېن چۈەنگو مۇقىملىقنى تەكىتلىگەنسېرى مۇقىمسىزلىق شۇنچە كۈچىيىۋاتىدۇ›، ‹چېن چۈەنگو تىبەتتە ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان بەلگىلىمىلەرنى ئۇيغۇرلارغا كۆچۈرۈپ ئەكېلىپ رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى› دېگەندەك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ رادىكال باستۇرۇش سىياسەتلىرى تەنقىدلىنىۋاتىدۇ.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان رايوندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا ئىشەنمەسلىك، مىللىي ئايرىمىچىلىق پوزىتسىيىسىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بۇ خىل مىللىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىدىكى نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خۇ پىڭ «چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلار تەكشۈرۈش نىشانى قىلىندى. ئۇ كەلگەن 3 ئاينىڭ ئىچىدىلا بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر كادىرلار ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، بۆلگۈنچىلەرگە قارشى مەيدانى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۈرۈمچىدىكى قانۇن-ئەدلىيە، ساقچى ئورگانلىرى ۋە قەشقەر قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر كادىرلار ئاساس قىلىنىپ، ساداقىتىنى ئىپادىلەش قەسەمياد يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. يېزىلاردا مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك ئۆزىنى-ئۆزى پاش قىلىش يىغىنلىرى ئېچىلىپ، كىشىلەردىن ئۆزىدىكى دىنىي رادىكاللىق ئىپادىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئىدىيە-ھەرىكەتلىرىنى ئىقرار قىلىش تەلەپ قىلىندى. بۇ ئەھۋال ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىدىلا نارازىلىق قوزغاپ قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرى ئارىسىدىمۇ نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى.»دېدى.

پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى رايوندا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتى ۋە 14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئوخشاش قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتە يۈرگۈزگەن بىر قاتار رادىكال سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەكرار يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەن ئۇيغۇر دىيارىدا يېقىندىن بۇيان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىپ، 14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئوخشاش قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبىنى، يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگونىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان بىر قاتار رادىكال سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمەن. بۇلتۇر 9-ئايدا چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دىنىي ئاشقۇنلۇققا زەربە بېرىش كۈچەيتىلدى، بۇلتۇر 5-ئايدا ئىلگىرىكى ئەمەلدار جاڭ چۈنشەن كېتىشتىن ئاۋۋال يولغا قويغان پاسپورتتا بىر مەزگىل ئەركىن بولۇش سىياسىتى 100 كۈن ئىچىدىلا بىكار قىلىنىپ، بىر قىسىم رايونلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرى مەجبۇرى يىغىۋېلىندى. چېن چۈەنگو يىغىنلاردا مىللىي ئىناقلىق، ئۇيغۇر-خىتاي قوشماق تۇغقاندارچىلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيىتىدە مىللىي ئايرىمىچىلىقنى ئاشكارا ئىپادىلەپ، نۇقتىلىق ھالدا يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارغا زەربە بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەكشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. مەسىلەن، ئۆتكەن ھەپتە خوتەندە ج خ ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان 6 نەپەر ئۇيغۇر كادىر بىرلا ۋاقىتتا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈشكە يوللاندى. مانا بۇ ئەھۋاللار رايوندا ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈردى.»

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە، چېن چۈەنگونىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە رادىكال تەدبىرلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەت مۇشۇنداق داۋاملاشسا، رايوندا قارشىلىق ۋەقەلىرى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇقەررەر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقىمۇ جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدەك زور كۆلەملىك نارازىلىق يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتىگە جىددىي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى، رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشى زۆرۈر» دېدى.

پروفېسسور ما خەييۈن ئەپەندى بولسا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە يېقىن ئارىدا ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغۇچە، چېن چۈەنگونىڭ بۇ خىل رادىكال باستۇرۇشى داۋاملىشىشى، ھەتتا تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. ھازىر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى داۋاملىشىۋاتماقتا. بۇ ئەھۋالدا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يېقىن ئارىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلمىگەن، بەلكى خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان. شۇڭا مەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولۇشىغا ئۈمىدۋار قارىمايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.