توكيودا چاقىرىلغان 10 مىڭ كىشىلىك سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.11.10
yaponiye-asasiy-qanunigha-ozgertish.jpg توكيودىكى «ياپون بۇدوكان سارىيى» دا چاقىرىلغان «10 مىڭ كىشىلىك ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» دىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 10-نويابىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

10-نويابىر توكيودىكى «ياپون بۇدوكان سارىيى» دا چاقىرىلغان «10 مىڭ كىشىلىك ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

مەزكۇر يىغىن ياپونىيەدىكى «گۈزەل ياپونىيە ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش جەمئىيىتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان. مەزكۇر جەمئىيەت ياپونىيەدكى ئەڭ چوڭ مىللەتچىلەر گۇرۇپپىسىدۇر.

«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرى يىغىنغا 11 مىڭ 321 ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې يىغىنغا ۋىدېئولۇق ئالاھىدە تەبرىك سۆزى يوللىغان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئاساسىي قانۇن ھازىرغىچە ھېچ ئۆزگەرتىلمىدى. مەنچە 21-ئەسىرگە ئۇيغۇن بىر قانۇن تۇرغۇزىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

يىغىنغا ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە جەمئىيەتلىرىدىن-دۆلەتلىك نېگىزلىك مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان سىياسىيون ساكۇراي يوشىكو خانىم قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

بۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شۇنداقلا توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان.

يىغىندا ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا مۇتەخەسسىسلەر تۈرلۈك پىلان ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيەدە نۆۋەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان ئۆزگەرتىش پىكرى ۋە 10-نويابىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن سەپەرۋەرلىك يىغىنى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.