ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرى (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ياۋروپا ئەركىنلىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇلغارىيەلىك ۋەكىلى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى.
«ياۋروپا ئەركىنلىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇلغارىيەلىك ۋەكىلى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندى.
europarl.europa.eu

ياۋروپا پارلامېنتى 4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا قارار ماقۇللاشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر.

4-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا 15 ماددىلىق قارار ماقۇللانغان ئىدى. مەزكۇر قارار ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئوخشىمىغان پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

«ياۋروپا ئەركىنلىك پارتىيەسى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى ئىتتىپاقى گۇرۇھى» نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇلغارىيەلىك ۋەكىلى ئىلخان كۈچۈك مۇنداق دېگەن: «ئەپسۇسكى، خىتايدىكى ئېتنىك ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە يەكلەش ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە. مىليونلىغان گۇناھسىز ئىنسانلار لاگېرلارغا قامىلىپ خارلانماقتا. ئەر-ئايال، ئاتا-بالا، دوست-بۇرادەرلەر بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلمەكتە، غايىب قىلىنماقتا. نارىسىدىلەر يېتىم قالماقتا. ئىزدەپ-سوراپمۇ زادى نەدىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلمەكتە. قېنى ئۇلار؟ نەلەرگە غايىب بولدى؟ ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە زادى نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ بىز ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان شۇ سەبىيلەرنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشلىرىنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ قاراپ تۇرالمايمىز. مەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى ھەمدە سىياسىي سەۋەب بىلەن قولغا ئېلىنغان پۈتكۈل مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز داۋام قىلىدۇ. بۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئاندىن باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز ئاچالايمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4-ئۆكتەبىر قارار قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى سۆز ئالغان 24 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدىن پەقەت بىرلا كىشى قارشى مەيداننى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئانچە تەسىرلىك بولمىغان سۆز-ئىبارىلىرى نەزەرگە ئېلىنمىغان ھەمدە مەزكۇر قارار مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىنغان. بۇ قارار قوبۇل قىلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي تەرەپ ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈچلۈك لوبىي پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۇشقا تېرىشقان. بىراق ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇپ بولغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، 3-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ياۋروپا خەلق پارتىيەسى»، «ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسى»، «ياۋروپا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى»، «ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى» ۋە «ياۋروپا خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى» قاتارلىق 5 چوڭ پارتىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ئىمزا قويۇپ، ياۋروپا كومىسسىيونى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان. 12-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ستراسبۇرگدا چاقىرىلغان ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاشكارا ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئائىت قارار قوبۇل قىلغان ئىدى.

«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى ئىتتىپاقى» نىڭ ۋېنگىرىيەلىك ۋەكىلى لازلو تۆكەش 12-سېنتەبىردىكى قارارنى مىسال ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن سۆزۈمنى بۇ يىغىن زالىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە سالامىمنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى قارشى ئېلىش بىلەن باشلايمەن. 2018-يىلى 12-سېنتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئائىت بىر قارار قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ قاراردا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلغان، قانۇن دۆلىتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، شۇندىلا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەن مۇشۇ قارارنىڭ روھىغا بىنائەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا بولغان نارازىلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بۇ لاگېرلاردا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار، قازاقلار زىندان ئازابى چەكمەكتە. ئەمما خىتاي بۇنداق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تېخىچە ئېتىراپ قىلغىنى يوق. 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى نازارەت ۋە باشقۇرۇش ئاستىدا تۇتۇلماقتا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرى دەپسەندە قىلىنماقتا. ئەسلىدە بۇ ھەق-ھوقۇقلار خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىنمۇ ئورۇن ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەق-ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىز بۇ ھادىسىنى ئوچۇق ۋە قەتئىي ئەيىبلىشىمىز لازىم. خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز خىتاينىڭ خاتالىقلىرىنى ئەيىبلىشىمىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك.»

«ياۋروپا خەلق پارتىيەسى ئىتتىپاقى» نىڭ ئېستونىيەلىك ۋەكىلى تۇننې كېلام مۇنداق دېگەن: «خىتايلار چوڭ بىر مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مىليونلىغان ئىنساننىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ياشاش ھەققىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ھېچ مەنتىقىگە چۈشمەيدىغان شەكىلدە ئۆز مەيلىچە دەپسەندە قىلسا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق سىستېمىلىق يوقىتىش بېسىمىغا يولۇقماقتا. ئۇيغۇرلار، قازاقلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرى تاجاۋۇزغا ئۇچرىماقتا. بىز بۇ بېسىم سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشقا، مىليونلىغان ئىنسان قامالغان ‹تەربىيەلەش لاگېرى› نى شەرتسىز تاقاشقا چاقىرىشىمىز لازىم. ياۋروپا ھۆكۈمىتى ۋە كومىسسىيونى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز ئەندىشىلىرىمىزنى ئىپادە قىلىشىمىز، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ۋە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ نورمال ياشاش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كونكرېت چارە-تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز كېرەك.»

«ياۋروپا پارلامېنتى سوتسىيال ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇھى» نىڭ ئىتالىيەلىك ۋەكىلى مىچېلا گىيۇفرىدا خانىم تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ‹تەربىيەلەش لاگېرى› غا قامىشى، بۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنى يۈز تونۇش ئۈسكۈنىلىرى، DNA ئەۋرىشكىسى، قول تېلېفونلىرى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردە نازارەت قىلىشى تامامەن قانۇنسىز ھەرىكەت. ياۋروپا پارلامېنتى ئاز سانلىقلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى، 3-دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنى قوغدىشى، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە خاتىمە بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى لازىم.»

«ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھى» نىڭ بېلگىيەلىك ۋەكىلى مارك دېمېسماكېر ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ئوي-پىكىر ئەركىنلىكى ھەر كىمنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقى. خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى شۇنى ئېنىق بىلىشى كېرەككى، ئوي-پىكىرنى، تەپەككۇرنى ئىنسانغا زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇلار شىنجاڭدا دەل مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەردىكى خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان ئۇيغۇرلار، قازاقلارنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئاتالمىش ‹سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا سولاپ مېڭىسىنى يۇيماقتا. ئۇلاردىكى ‹خەتەرلىك ئىدىيە› تۈگەپ، ‹ساغلام› بولغانغا قەدەر تۇتقۇندا تۇتماقتا. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكىلەر بولسا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى كۆپ جاسۇسلىرىنىڭ نازارىتى، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كونترولى ئاستىدا ئىنسانىي ھوقۇقى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنغان ھالدا ھايات كۆچۈرمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ خىل سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشى، لاگېرلارنى تاقاپ، تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى، ئۇ جايلاردىكى زوراۋانلىققا دەرھال خاتىمە بېرىشى لازىم. ھەرقانداق ھاكىمىيەتنىڭ ئوي-پىكىر ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش قولىدىن كەلمەيدۇ.»

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بايانلىرى ھەققىدە توختالغاندا ئەگەر خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىمىغان تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى قوبۇل قىلىش ئېھتىمالنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت