ئامېرىكىنىڭ «30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى» گە بىلدۈرگەن ئىنكاسى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى
2013.12.31
30-دېكابىر كۈنى يەكەندە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى شۇ كۈنى رۇسىيەنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن باغلاشقا تىرىشقان.
خىتاي دائىرىلىرى بىر تەرەپتىن يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئىچكى خەۋەرلىرىنى قاتتىق قامال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخبارات ئويۇنى ئويناپ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى ئامېرىكىنىڭ «30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى» گە بىلدۈرگەن ئىنكاسى بىلەن سۇغا چىلاشقان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيە ھارف خانىم 30-دېكابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنى تىلغا ئېلىپ ئىنكاس بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا يول قويۇشىنى چاقىرىمىز شۇنداقلا ئۆز پۇقرالارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»
ھارف خانىم مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر خەلقىنى زورلۇق كۈچ ئۇسۇلىنى تاللىماسلىققا، جۇڭگو خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىدۇ.»
ھارف خانىم يەنە 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا يەنىلا كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە تۇرماقتا، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا بۇ ۋەقەنى ‹تېررورلۇق ھۇجۇمى› دەپ بېكىتكىنى يوق».
ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. نەق مەيداندا تۇرغان بىر نەپەر خىتاي مۇخبىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ۋولگاگراد ۋەقەسى بىلەن شۇ كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە «ئىككى خىل ئۆلچەم» تۇتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.
ھارف خانىم جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا بۇ ھەقتە تېخى يېتەرلىك ئۇچۇر ۋە دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ئالدىراقسانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ. بىز بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىغا يوشۇرۇنغان رېئال پاكىتلارنى توپلىماقتىمىز. بىز بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىمىز مۇستەقىل توپلىغان پاكىتلار بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز.»
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا باشلىق دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوللايدىغان ئەللەرنىڭ خىتاينىڭ ئاخبارات ئويۇنىغا ھەرگىز ئەگەشمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رابىيە خانىم يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن «30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى» ۋە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبچىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باسقۇن سىياسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.