جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى تاكتىكىسى: «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش»

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قويغان سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 13-سېنتەبىر كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەسئۇل كادىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» كەلىمىسىنى ئىشلەتكەن.

خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بەس-بەستە نەقىل ئالغان بۇ كەلىمە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ھەر ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 13-سېنتەبىر چۈشتە جاڭ چۈنشيەن خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم بىناسىدا بىر قىسىم ناھىيەلەرنىڭ مەسئۇل كادىرلىرىغا مۇقىملىق خىزمىتى بويىچە كۆرسەتمە بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خەلق ئاممىسى ‹تېررورلۇق› قا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۈچ. نۆۋەتتە خوتەن رايونىدا ‹تېررورچىلار› نى قورشاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى بويىچە نۇرغۇنلىغان تىپىك ئۈلگىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال-تەمسىل بار، ئۇ بولسىمۇ ‹ئۆز يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش›.»

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرقانچە ۋىلايەتتە يەرلىك ئۇيغۇر ئاممىسىنى مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىپ ئاتالمىش «تېررور» گۇماندارلىرىنى تۇتۇشقا ھەرىكەت قىلغانلىقىدەك ئەمەلىيەت بىلەن جاڭ چۈنشيەننىڭ خوتەندە قىلغان بۇ سۆزى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئىچكى باغلىنىش بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم جاڭ چۈنشيەننىڭ مەزكۇر سۆزى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان ياتلارنى ئىدارە قىلىشتا قوللىنىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ كەلىمىنى ئىشلىتىشى يېڭىلىق ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتىكى كونا تاكتىكىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ماركا بىلەن قىپ-يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي تارىختىن بۇيان ئۆز دۈشمەنلىرىگە، بولۇپمۇ ئۆز ئەتراپىدىكى يات مىللەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارغا تاقابىل تۇرۇش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ كەلگەن. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ تاكتىكىنى ئۇيغۇرچە ماقال-تەمسىلگە يۆگەپ قەپەستىن چىقىرىشى خىتاينىڭ كونا تاكتىكىنى يېڭى تارىخىي شارائىتتا داۋاملىق قوللىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈچۈن مەيلى «ياغ» ياكى «گۆش» بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئوخشاش قىسمەتتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنى ئەبەدىي تۇتۇپ تۇرۇشنى كۆزلىگەن خىتاي «گۆش» نى يېگەن يەردە «ياغ» نى قالدۇرۇپ قويمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار مەيلى قانداق قاتلامغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ سىگنالىنى ئالدىن ھېس قىلىشى كېرەك دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.