گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ھىيلىسىگە ئالدانماسلىققا ئۈندىدى

ئۆزىنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئائىلىسىنى تەرك ئېتىپ گوللاندىيىگە كېلىۋالغان بىر ياش، يېقىندىن بىرى ۋەتەندىكى مۇھاجىرلار ئائىلىلىرىگە قىلىنىۋاتقان خىتايلارنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ۋەتەنداشلىرىنى بۇ قېتىمقى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن پەيدا بولغان مۇھەببەت - نەپرەت مەيدانىنى مەڭگۈ ساقلاپ قىلىشقا، خىتاينىڭ ھىيلىسىگە ئالدانماسلىققا ئۈندىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ
2010-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﯩﻐﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺩﻩﺭﻩﺥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ ﯞﻩ ﺗﯩﻐﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئۇ، خىتايلارنىڭ يۇمشاق ۋاسىتىلىرىدىن مەقسەت، خەلقنىڭ غەزەپ - نەپرىتىدىن قۇتۇلۇپ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ساختىلىقلىرى دەپ ئىزاھلاپ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاتتى.
    
ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان گوللاندىيىدىكى يەنە بىر زىيالىي بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  "خىتايلارنىڭ سىياسەتلىرىدە بىرەر يۇمشاشنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارغا بەك قوشۇلالمايمەن. خىتايلار ھەرقاچان بىرەر قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن، جاللاتلىق ئەپتى بەشىرىسىنى پەردازلاش، ئالدامچى تەشۋىقاتلىرىنى بىرەر مىسال بىلەن كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ۋاقىتلىق ئالدامچىلىق قىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن چەكلىك دائىرىدىكى بىر ئويۇن بولۇپ، بۇ سىياسەتتىكى يۇمشاش دېيىلمەسلىكى لازىم. بۇنداق تونۇش خاتاغا ئېلىپ بارىدۇ."

ئۇ يەنە، بۈگۈنكىدە ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار نېمىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي لېدىرى ماۋزىدوڭنىڭ بىر سۆزى بار: 'دۈشمەن قارشى تۇرغانلىكى نەرسىنى بىز ھىمايە قىلىشىمىز لازىم. دۈشمەن ھىمايە قىلغانلىكى نەرسىگە بىز قارشى تۇرۇشىمىز لازىم.' دۈشمەننىڭ بىزگە پايدىلىق بولغاننى راۋا كۆرمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بىزگە تېڭىۋاتقان بارلىق تەشەببۇسلىرى زىيانلىق دەپ قارىلىشى، خىتايلار چەكلەۋاتقان بارلىق نەرسىلەر مىللىي قەدىرىيەتلەر دەپ قارىلىپ، قوغدىلىشى كېرەك. مەسىلەن: دىن ۋە تىل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى قەدىرىيەت. خىتايلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئاشكارا قارشى تۇرۇش، رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپلا مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىمىزنى قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئاشكارا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە روھىي قارشىلىق بولۇشى كېرەك. بۇنى قىلىش تامامەن مۇمكىن،" دېدى.
   
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، خىتايلارنىڭ سىياسەتتىكى ھىيلە - مىكىرلىرى ھەققىدە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر  ياشلارنىڭ پىكىر قاراشلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت