دالاي لاما، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە يەنە پرېزىدېنت خانىمى بىلەن كۆرۈشىدۇ

فرانسىيە ئاخباراتى دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن پرېزىدېنت خانىمىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە فرانسىيە دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تىبەت دىنىي ھەم سىياسىي داھىسى دالاي لاما بۇ قېتىملىق فرانسىيە زىيارىتى داۋامىدا، جۈمە كۈنى فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كوچنېر ھەمدە فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى چارلا برۇنى ساركوزىي خانىم بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

دالاي لاما، 12 ‏ - ئاۋغۇستتىن 23 ‏ - ئاۋغۇستقىچە فرانسىيىگە قاراتقان 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.دەل بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە فرانسىيىدە زىيارىتىنى باشلىغان دالاي لاما چارشەنبە كۈنى فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى تىبەت مەسىلىسى كومتېتى بىلەن " يېپىق شەكىلدە " سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

دالاي لامانىڭ فرانسىيە زىيارىتى باشلىنىشىدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق دالاي لاما ساركوزىي بىلەن ئۇچرىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىكار قىلدى.

چۈنكى دالاي لاما فرانسىيە پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ، خىتاي بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتكە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.