ئولىمپىك مەشئىلى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا لخاسادىن ئۆتتى

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلى شەنبە كۈنى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدىن ئۆتتى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.21

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لخاسا نىڭ چوڭ كوچىلىرىغا يۈزلىگەن خىتاي ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان يوللار ئۈستىدىكى پۈتۈن دۇكانلار تاقىۋېتىلگەن. پەقەت ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەرنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان لخاسا شەھىرى، شەنبە كۈنى پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان.

نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مۇخبىرلار لخاسادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ ئىچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىغىلا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار نىڭ تىبەتلىكلەر بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە ۋە ئۇلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان.

بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ لخاساغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى جۈمە كۈنى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پالما ترىلى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مارت ئېيىدا تىبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان يەنە 12 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان 1157 نەپەر تىبەتلىكنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلىنىڭ تىبەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ تىبەت ئۈستىدىكى ھاكىمىيىتىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر ھەرىكىتى دەپ قاراپ، بۇ ھەرىكەتكە قارشى چىقماقتا.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لخاسادا ئېلىپ بارغان ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى، تىبەت مەسىلسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قيىنلاشتۇرىدىغان، زىيانلىق بىر قارار دەپ كۆرسەتتى.



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.