خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي تىبەت پائالىيەتچىلىرى بېيجىڭدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي بېيجىڭدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەنبە كۈنى ئۆزلىرىنى تىبەت بايراقلىرىغا ئورىۋالغان بەش تىبەت پائالىيەتچىسى تىيەن ئەنمىن مەيدانىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.09

 ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار، " تىبەتكە ئەركىنلىك" دەپ شۇئار توۋلىغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان مەزكۇر تىبەتلىك پائالىيەتچىلەر، ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلارنىڭ قايسى يەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

جۈمە كۈنى ئاخشىمى ئۈچ تىبەتلىك پائالىيەتچى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك ستاديۇمنىڭ كىرىشىدە تىبەت بايراقلىرىنى ئۇچۇرتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، شەنبە كۈنى خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

چارشەنبە كۈنى بولسا، تۆت تىبەتلىك پائالىيەتچى، قوش ئۇۋىسى دەپمۇ ئاتالغان ئولىمپىك ستادىيۇمىنىڭ سىرتىدىكى ئىستولبۇلارغا تىبەت بايرىقى ۋە تىبەتكە ئەركىنلىك دېگەن لوزۇنكىنى ئاسقان بولۇپ، ئىككىسى ئامېرىكا، ئىككىسى ئەنگىلىيە پۇقراسى بولغان مەزكۇر تىبەت پائالىيەتچىلىرىمۇ خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، چەتئەللەردىكى تىبەتلەرمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.