ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېت پرېزىدېنتى بېيجىڭدا تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە، قانۇن - تۈزۈم ۋە قارار ماقۇللاش ئورگىنى: ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئېلىپ بارىدىغان خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايىش ئۈستىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كومىتېت باياناتچىسى، كومىتېت پرېزىدېنتى جوسې مانۇەل بارروسونىڭ خىتاي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق، سۆز - پىكىر ئەركىنلىكى ئۈستىدە ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچى ۋىليام فىڭلەتوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومىتېت پرېزىدېنتى جوسې مانۇەل بارروسو مەزكۇر مەسىلىلەرنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، كومىتېت خىتاي تەرەپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەر تۈرلۈك سۆھبەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق، سوز - پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، باياناتتا تىبەتتە يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بۇ نۆۋەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئوبدان سەۋەب ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي بۇ يىل مارتنىڭ بېشىدا تىبەتتە ئېلىپ بارغان قارشىلىق نامايىشنى ' 14 - مارت ۋەقەسى ' دەپ ئاتاپ باستۇرغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق نارازىلىققا دۇچ كەلگەن ھەم مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلى نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.