تەيۋەندە ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2017.03.03
ilham-mahmut-teywen-taiwan-28-fewral-weqesi-2017.jpg «28-فىۋرال قىرغىنچىلىقى» نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەندىكى ئۇچرۇشۇش
RFA/Pidaiy

28-فىۋرال كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبىي شەھىرىدە «28-فىۋرال قىرغىنچىلىقى» نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلىنغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى پائالىيەت داۋامىدا، 2-مارت پەيشەنبە كۈنى 28-فېۋرال ۋەقەسىنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى، 28-فېۋرال دۆلەتلىك خاتىرە سارىيى دىرېكتورى ياڭ جېڭلۇڭ ئەپەندى بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولدى.

ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە؛ ياڭ جېڭلۇڭ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى تەيۋەندە تونۇشتۇرۇش ۋە نەشر قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كېلىشكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي تەييارلىغان خەۋەرنىڭ تەپسىيلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.