«شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى» ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشىغا سەھنە بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.11.19
shi-jinping-2018-apec.jpg خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى كىرىستىن لاراگ(Chritine Lagarde)(سولدا)، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي يىغىنى» نىڭ خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ غەيرىي رەسمىي دىئالوگىغا يېتىپ كېلىشى. 2018-يىلى 18-نويابىر، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى
AP

تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى بولغان پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە ئېچىلغان «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى» نىڭ 1989-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىرەر پارچىمۇ ئورتاق بايانات ئېلان قىلماي ئاخىرلىشىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىكنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

18-نويابىر كۈنى ئاياغلاشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق جەمئىي 21 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشقان بۇ يىغىن ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئارتىشىغا سەھنە بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا ئوتتۇرىدا قېلىشتىن ئەنسىرەش كەيپىياتى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئامېرىكا-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز نۇتۇقلىرىدا بىر-بىرىگە ناھايىتى ئۆتكۈر ھەم شۇنداقلا سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىنى ئەسلىتىدىغان رىتورىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى مايك پەنستىن ئىلگىرى نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىدىكى مەيدانىنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قويغان سودا جازا تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ سۆزىدە «ئەگەر بىرى دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا چەكلىمە قويۇپ، بۇ ھەمكارلىقنى يوقىتىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ۋە ئۇ ھەرگىزمۇ غەلىبە قىلالمايدۇ،» دېگەن.

شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىمۇ قوغداپ، «ئۇ ھەرگىزمۇ بەزىلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك قىلتاق ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ جۇڭگو ئورتاق تەرەققىياتقا تەقەززا بولۇۋاتقان دۇنيا بىلەن بارلىق پۇرسەتلەرنى ئورتاقلىشىدىغان بىر پىلان. ئۇ خۇددى قۇياش پارلاپ چىققان داغدام يولغا ئوخشايدۇ،» دېگەن.

ھالبۇكى، شى جىنپىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان ئامېرىكا پرېزىدېنتى مايك پەنس نۇتقىدا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ھەرقايسىي دۆلەتلەرنى «قەرز قىلتىقى» دىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندىگەن. مايك پەنس سۆزىدە «بىز شېرىكلىرىمىزنى قەرز دېڭىزىغا غەرق قىلمايمىز. بىز سىلەرنىڭ مۇستەقىللىقىڭلارغا زورلۇق ئىشلەتمەيمىز ياكى مۇرەسسە قىلمايمىز. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەر ۋاقىت ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىل ئىش قىلىپ كەلگەن. ئۇ ھېچقاچان سىزنى قىسىدىغان بەلۋاغقا ياكى بارسا كەلمەس يولغا تەكلىپ قىلىپ باقمىغان. سىز بىز بىلەن ھەمكارلاشسىڭىز، بىزمۇ سىز بىلەن ھەمكارلىشىمىز ۋە ھەممىمىز ئورتاق گۈللىنىمىز،» دېدى.

ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋېسكى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «بۇ يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق تىجارىي كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى يەنىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقتى» دېدى. ھېنرىي شاجېۋېسكى يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىگە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تەشۋىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىراق، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس سۆزىدە بۇ قۇرۇلۇشنى رەت قىلدى. ئۇ ئېنىقلا ھەرقايسىي دۆلەتلەرنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى تىجارەت ياكى خىتاي باشچىلىقىدىكى تىجارەتتىن بىرنى تاللاشقا چاقىردى،» دېدى.

مايك پەنس يىغىندىكى نۇتقىدا ھەقىقەتەن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. ئۇ، «ئامېرىكىلىقلار پىكىر ئەركىنلىكىگە، خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە دىنى ئەركىنلىككە ئىشىنىدۇ. ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ۋە دۇنيادىكى مانا مۇشۇ ھوقۇقلارغا ئىنتىلگەنلەرنى قوللاشنى داۋام قىلىدۇ. بىز شۇنداق قىلىمىز، چۈنكى ئۇ ئادىل بولغانلىقى ئۈچۈن بىز شۇنداق قىلىمىز. چۈنكى ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن. ھەقىقەت شۇكى، ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى رەت قىلغان ھۆكۈمەتلەر داۋاملىق ھالدا قوشنا دۆلەتلەرنىڭمۇ ھوقۇقىنى رەت قىلىدۇ. ھىندى-تىنچ ئوكياندا ھاكىممۇتلەقلىق ۋە زورلۇق -زومبۇلۇققا ئورۇن يوق،» دېدى.

ھېنرىي شاجېۋېسكىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىۋاتقىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرلا ئەمەس ئىكەن، بەلكى ئۇنىڭدىكى سىياسىي مەسىلىلەر ئىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پەقەتلا خىتاينىڭ مېلىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە تۈزۈمىنىمۇ ئېكسپورت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىكەن. ئۇ ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت دۆلىتى سىستېمىسىنى يولغا قويغانلىقى ھەممىزگە ئايان. شۇڭا ئامېرىكا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى پەقەت تىجارەت مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ،» دېدى.

پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە قىلغان نۇتقىدا مايك پەنس ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مايك پەنس يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىنلىكىگە، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، ئادىل تىجارەتكە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا بىر شەرەپلىك ئورۇنغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رايون مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ھاگ ۋايت «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ھازىر خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى پۈتۈنلەي بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 1972- يىلىدىكى نىكسون ھۆكۈمىتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ئىقتىسادىنى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پۇرسەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرۇپ سۆز قىلىشى» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا بۇنى «سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يېڭى رىتورىكلىرى» دەپ باھالىغان.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن ئاخىرىدا خىتايدىن باشقا 20 دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئورتاق باياناتقا قول قويغان، پەقەت خىتايلا بۇ باياناتقا قول قويمىغان بولۇپ، بۇ خۇددى 20 دۆلەت بىر تەرەپ، خىتاي ئۆزى يالغۇز بىر تەرەپ بولغاندەك كەيپىيات پەيدا قىلغان. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئىختىلاپلىرىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدنى يەنىمۇ ئازايتقان.

ھېنرىي شاجېۋېسكىمۇ سۆزىدە ئامېرىكا ۋە خىتاي دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ ئاي ئاخىرىدا ئارگېنتېنادىكى ئۇچرىشىشىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق ۋەقەلەرگە سەھنە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھازىر ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى بولۇشتەك بىر يولدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخىرىنى پەرەز قىلىشنىڭ قېيىنلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «گ-20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى» دا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچرىشىشنى خىتاي ئامېرىكا بىلەن سوغۇق ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىشنى خالامدۇ-خالىمامدۇ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېنىق بولىدىغان بىر ئۇچرىشىش، دەپ قارىماقتا. مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنس ئالدىنقى كۈنى سىنگاپوردىكى مەزگىلىدە قىلغان بىر سۆزىدە خىتاي ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تۈپتىن ئۆزگەرتمىگۈچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە «ئارگېنتىنا خىتاي ئۈچۈن سوغۇق ئۇرۇشتىن ساقلىنىدىغان ئاخىرقى بىر پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.