ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2017.09.30

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەر يىلى «1-ئۆكتەبىر» نى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ماتەم كۈنى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ كۈندە ھەر خىل شەكىللەردىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
1-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 29-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مارشى بىلەن باشلانغان نامايىشقا ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىدىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگان بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن زۇبەيرە خانىممۇ نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن تولغان خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى.