بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 4 - يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا نامايىش ئېلىپ بارغان.

بۇ قېتىمقى نامايىش شەھەر مەركىزىدە سائەت 11:00 بىلەن باشلانغان بولۇپ، نامايىشقا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

بىز نامايىش خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئەپەندى ۋە بېلگىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىسالەت خانىملارنى زىيارەت قىلدۇق. دىققىتىڭلار بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە بولغاي.