بىشكەكتە سەنئەتچى رۇشەنگۈل مۆمىنىۋا ماھارەت كۆرسەتتى
2016.03.02

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يار - يۈلەكتە بولۇشى ۋە قوللاپ - قۇۋەتلىشى بىلەن 29 - فېۋىرال كۈنى بىشكەكتىكى قىرغىزىستان دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا ئاتاقلىق راۋاپ ماھىرى،ناخشىچى رۇشەنگۈل مۆمىنىۋانىڭ يالغۇز كىشىلىك سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
ياش سەنئەتكار رۇشەنگۈل قىرغىزىستاننىڭ قارا بالتا شەھىرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى ۋە پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ قىتىقىنىپ ئۆگىتىشى بىلەن ياراملىق بىر راۋاپ ماھىرى ھەمدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان ناخشىچى بولۇپ يېتىشكەن.
سەنئەت كېچىلىكى ھارپىسىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇشەنگۈل ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتى ھەققىدە تۈۋەندىكىلەرنى بىلدۈردى: «كىچىك ۋاقتىمدا، دادامنىڭ مېنىڭ قولۇمدىن يېتىلەپ شۇ چاغلاردا قارا بالتا شەھىرىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت كۇرسىغا ئېلىپ بارغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. مەن دەسلەپتە دۇتار، كېيىن راۋاپ ئۈگەنگەن ئىدىم.»
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن رۇشەنگۈل خانىم 2013 - يىلى قىرغىزىستاندىكى بىر تۈركۈم سەنئەتخۇمار ئۇيغۇر ياشلىرى تەركىبىدە ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئېۋەتىلگەن ئىدى. رۇشەنگۈل ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكەن بىر يىللىق ئۆگىنىش جەريانىنى ئەسلىگەندە ھاياجان ئىچىدە مۇنداق دىدى: «بىز بۇرۇن نوتا دېگەننى بىلمەيتتۇق. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە بىز نوتا ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە، مۇزىكىدا مىللىي پۇراق بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھەم ئۆگىنىپ كەلدۇق.»
سەنئەت كېچىلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى ئايتۇرغان ھەسەن، قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كېرىم قاتارلىقلارنىڭ شوخ، ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن باشلاندى.
ياپونىيەنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ھەمدە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى پەرھات تۆلەندىيىۋ قاتارلىقلار مېھمانلارمۇ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن بىرگە ئويۇن كۆردى.
بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رېژىسسورى پەرھات ئىبراھىم رۇشەنگۈلنىڭ بەدىئىي تالانتىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «راۋاپ چېلىش ماھارىتى جەھەتتە قىرغىزىستاندا رۇشەنگۈلنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق دەپ قارايمەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكىدەك يۈكسەك نەتىجىلەرگە يېتىشتى.»
سەنئەت كىچىلىكىدە يەنە ئالماتادىن كەلگەن «ۋايتاڭ» سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئارتىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقارلىق سەنئەت نۇمۇرلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا خوشاللىق بېغىشلىدى.