د ئۇ ق چاقىرىق ئېلان قىلىپ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پاش قىلدى

0:00 / 0:00


خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى 1949 - يىلى شەرقى تۇركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۇنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى. 29 - ئاۋغۇست كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ھەرقايسى كومىتېتنىڭ مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن بولۇپ 20 كىشى قاتناشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 - يىللىقىنى كاتتا مۇراسىملار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، خىتاينىڭ 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم سىياسەتلىرىنى، زۇلمىنى ۋە يالغان ئاپتونومىيەنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ 9 ماددىدىن تەركىپ تاپقان چاقىرىقنى ماقۇللىدى. بۈگۈن ئېلان قىلىنغان چاقىرىقتا مۇنۇلار يېزىلغان:

1. د ئۇ ق خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ۋە ئاتالمىش شىنىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇش كۈنى بولغان 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماتەم كۈنى دەپ جاكارلاپ، بۇ كۈندە چەتئەللەردىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى توي - تۆكۈن، تۇغۇلغان كۈنى، كۆڭۈل ئېچىش، زىياپەت ئۆتكۈزمەسلىكە چاقىرىدۇ.

2. ھەرقايسى دولەتلەردىكى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى يول قويغان دائىرىدە، نامايىش قىلىش، ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈش، بايانات ئىلان قىلىش، يىغىن ئويۇشتۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

3. ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان نامايىشلارغا، شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن باشقا يەنە، تۈرك، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە چەتئەللىك دوستلىرىمىزنىڭمۇ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىق قىلىنىدۇ.

4. پائالىيەت ۋە نامايىشلار جەريانىدا تارقىتىلىدىغان دوكلات ۋە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى تەرىپىدىن بىرتۇتاش ھالدا ماتېرىيال ھازىرلىنىدۇ ۋە بارلىق تەشكىلاتلار مۇشۇ تەشۋىقات ماتېرىيالىنى ئاساس قىلىدۇ.

5. ياۋروپا ۋە ئامېرىكا پارلامېنتلىرىغا شۇنداقلا ھەرقايسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى، ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانلىرىغا د ئۇ ق نامىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان 60 يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى پاش قىلىنغان ۋە ئەيىبلەنگەن مەزمۇندا نارازىلىق خېتى ئەۋەتىلىدۇ.

6. يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان چەتئەللىك ژۇرنالىست، مۇخبىرلار، سىياسەتچىلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مەخسۇس خەۋەر - ماقالىلەر ۋە ئوبزورلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ.

7. ھەرقايسى تور بەتلىرى، جۈملىدىن د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرى، فېسبوئوك قاتارلىق تەشۋىقات مۇنبەرلىرى رەڭسىز ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.

8. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقىي تۇركىستاندا 60 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى، مەدەنىي، دىنىي، ئىقتىسادىي، ئېكولوگىيە جەھەتلەردىكى ۋەيرانچىلىقى، بېسىملىرىغا ئائىت ۋەكىل خاراكتېرلىك رەسىملەر تاللىنىپ چىقىپ، كاتىگورىيەلەر بويىچە ھەر قايسى دۆلەتلەردە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ.

9. بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇش ۋە ئۇنى ئورۇنلاش ئۇچۇن پۈتۈن تەشكىلاتلار، جامائەتلەر ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ھازىردىن باشلاپ جىددىي تەشكىلى ۋە ئىدىيەۋىي تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ!

بىز بۇ چاقىرىق توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئازاپ - ئوقۇبەتلەرگە، بېسىملارغا مۇپتىلا بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك، دېموكىراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۆز تەقدىرىنى - ئۆزى بەلگىلەش تەلەپلىرى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە باستۇرۇلۇپ كەلدى. ئاپتونومىيە سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى قىسىمدا دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش، ئىچكى قىسىمدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياشاش ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ۋىۋىسكىسى بولدى.

خىتاي ھۆكۇمىتى 2015 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «كاتتا توي» غا تەييارلىق كۆرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ ئاتالمىش «توي كۈنى» شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىر ماتەم كۈنىدۇر، بىر مۇسىبەت كۈنىدۇر!

بىز خىتاينىڭ بۇ كۆز بوياش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، 60 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىش مەقسىتى بىلەن بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلدۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىردى.