دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف
2018.09.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dolqun-eysa-omer-qanat-aqsaray.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەر ئاقسارايدا. 2018-يىلى 10-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات 10-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشۈپ ، ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئۇلار ئاقساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا بۇنى جىددىي مەسىلە ئۈستىدە بېسىم قىلىشى ھەم ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇ خىل قاتتىق قول باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۆمەر قانات بۇ ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئاقسارايدىكى بۇ سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ، 10-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ شۇ كۈنى ئاخشىمى يەنە بېلگىيەگە سەپەر قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوفنىڭ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى ئۆمەر قانات بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.