ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇلغارىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
16-يانۋار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو ماسسىمو كاستالدو باشلىق 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بۇلغارىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 5 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان بۇ باياناتقا قارىتا د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۈگۈن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى «ياۋروپا پارلامېنتى 2018-يىلىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈچۈن باسقان تۇنجى ئىجابىي قەدىمى» دەپ باھالىدى.
16-يانۋار ئېلان قىلىنغان بۇ بىرلەشمە باياناتقا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو ماسسىمو كاستالدو، پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك، ھېلگا ترۈپەل، ئىۋو ۋاجگې، ئىگنازيو كاررائو، روما ترېموسا بالچېلس قاتارلىق 6 نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويغان. باياناتتا 2017-يىلى 27-ئىيۇل بۇلغارىيەگە كىرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن، ئەمما پاناھلىق ئىلتىماسلىرى قوبۇل كۆرۈلمەي، خىتايغا قايتۇرۇشقا تەرەددۇت قىلىنغان 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ساقلاپ قېلىش، ناۋادا بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە قاماق جازاسىغا، قېيىن-قىستاققا، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا زىيارىتى ئەسناسىدا، ياۋروپا پارلامېنتى ھەمدە «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى بولغان بۇ زاتلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلەردە بولغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە باياناتنىڭ دەل ۋاقتىدا دۇنيا دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە بېرىلگەن مۇھىم بىر سىگنال بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ باياناتنى ئېلان قىلغان ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايغا قايتۇرۇلغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە بەلگىلىك مەلۇماتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندىمۇ مەزكۇر باياناتنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن بۇ باياناتقا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پېتېر ئىرۋېن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ 2018-يىلىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باسقان بۇ ئىجابىي قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن دەيمەن،» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا يىللاردىن بۇيان كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ ئاخىرقى 2 يىلدا پارلامېنتتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سانى، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىردە ياۋروپا پارلامېنتىدا "ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى" قۇرۇلدى. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىمىز جەريانىدا، پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر مۇھاجىرلار يولۇقۇۋاتقان ئېغىر قىسمەتلەر ئاڭلىتىلغان ئىدى. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نەقەدەر ئەستايىدىل ۋە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. مەن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ 2018-يىلىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باسقان بۇ ئىجابىي قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن دەيمەن.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو ماسسىمو كاستالدو ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 17-يانۋار ئۆزىنىڭ تۋېتتېر سەھىپىسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمەتلىرى ھەققىدە توختالغان ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇمنلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ بۇلغارىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا ۋە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو ماسسىمو كاستالدو ئەپەندى بۈگۈن ئېلان قىلغان ماقالىلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق- ھوقۇقلىرىنىڭ خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
0:00 / 0:00