رامىزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى يانى ئۇيغۇرلارنى روزى تۇتقۇزماسلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يۈزلىگەن تۈرك نامايىشچى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېغىز ئاچتى. ئىپتار ۋاقتىدىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھاجى بايرام تونبۇل ئەپەندى خىتاي زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئارقىدىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن باشلىقى ھاجى بايرام تونبۇل ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ھاجى بايرام تونبۇل ئەپەندى ھازىر مۇبارەك روزى ئېيىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر كادىرلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزى تۇتۇشى چەكلىنىپتۇ. روزى تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ بىر بۇيرۇقى.
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن 5 پەرىزىنىڭ بىرىدۇر. ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا پەقەت ھۆرمەت قىلمايدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بۈگۈن خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا بىزنىڭ بۇ ئاۋازىمىزنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد - پەريادىغا قۇلاق سالار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلار، دەپ ئويلايمىز.
تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ھاجى بايرام تونبۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر دائىم كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆتكەن ھەپتە سائادەت پارتىيەسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن «شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى زۇلۇمغا قاراپ تۇرما» ماۋزۇلۇق چوڭ ئۇچرىشىشقا قاتناشتۇق. تەشكىلاتىمىزنىڭ تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىكى شۆبىلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا.
بۈگۈنكى پائالىيەت تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى قانىلى ۋە شەخسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان يۈزلىگەن كادىرلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، تۈرك بايرىقى ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى لەنەتلەيمىز!»، «تۈركىيە ئۇخلىما؛ قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك بېرىلسۇن!»، «مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىگۇناھتۇر!» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىغا ئۇزاتقان قوللار سۇندۇرۇلسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
نامايىشچىلار يەنە ئىپتار ۋاقتى بولۇشتىن بۇرۇن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان تىلاۋىتى قىلدى.

ئۇ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈندىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى ئېلىپ بارماقتا. باشقا دۆلەتلەرگە بولۇپمۇ مالايشىيا، تايلاند ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى دۆلەتلەر دۆلىتىگە قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە، خىتاي ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەكتە. ئۇيغۇرلار تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قېيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە.