«ئەركىنلىك لوڭقىسى» چولپانلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.06.16
turkiye-erkinlik-longqisi-uchrushush.jpg «ئەركىنلىك لوڭقىسى» چولپانلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Erkin Tarim


6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 2 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى» نامىدا كېچىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

كېچىلىككە قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى، قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى، د ئۇ ق مەسئۇللىرى، ئىستانبۇل، ئىزمىر، ئەنقەرە ۋە قەيسەرىلىك ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

بۇ مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ كۆپ ساندا مىنىستىرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. مۇراسىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى شەرافەتتىن ئەپەندى، قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا چەلىك ئەپەندى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ئەسقەرجانلار قىلدى. ئۇلار نۇتقىدا بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. تۆۋەندە بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.

9 پۇتبول كوماندىسى ئىككى گۇرۇپپا شەكلىدە ئېلىپ بارغان مۇسابىقىسىدە قازاقىستان بىلەن گېرمانىيە، گوللاندىيە بىلەن قىرغىزىستان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشمەكچى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.