ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر دەۋاسى كۈچەيمەكتە
2013.05.31
ئىجتىمائىي مەتبۇئات ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
7-8 يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا Facebook ئارقىلىق ئۆز دەۋاسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى تۇرسۇنئاي تۈركسوي خانىم. ئۇ 8 يىلدىن بېرى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ھەر خىل يىغىنلارغا قاتنىشىش، تېلېۋىزىيە ۋە رادىئولاردا سۆزلەش، گېزىت-ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالىلەر يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىنى ئاڭلاتقان. ئۇ يېقىندا ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئەزەربەيجان، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ، مەزكۇر مەركەزدە ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار كۆپ قېتىم تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ مۇساۋات گېزىتى، ئازادلىق گېزىتى، تۈركىستان گېزىتى ۋە ئىنتېرمېدىيا گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
بىز پائالىيەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، تۇرسۇنئاي خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەندە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.