فىرانسىيە پارلامېنتىدا مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.01.18
Ursula-Gauthier-ursula-gotiyir.jpg مۇخبىرلىق ساھەسىدە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىيىر خانىم 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى تۈپەيلىدىن خىتايدىن ھەيدەلگەن. 2003-يىلى 6-فېۋرال، پارىژ.
AFP

14-يانۋار كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا يېقىندا خىتايدا تەھدىتكە ئۇچرىغان فىرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن فىرانسىيە پارلامېنتىدا چاقىرىلغان بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاندېرى گاتتولىن مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئاندېرى گاتتولىن سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرىمىز ئۇرسۇلا خانىمغا ‹تېررورچىلارنى قوللىدى› دېگەن ناھەق بەتنامنى چاپلاپ ئۇنى 31-دېكابىر كېچىدە چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ جىنايىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاش بولغان ئىدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ئىشتىكى نىشانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ 2015-يىلى 13-نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررور ھەرىكىتىگە باغلاشنى مەقسەت قىلغان» دېگەن.

ئۇ، سۆزىدە: «خىتايدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جەمئىي 16 يىل مۇخبىرلىق خىزمىتىدە بولغان ئۇرسۇلا خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقتىن، خىتاي بۇنىڭغا تاقەت قىلالماي ‹ئۇرسۇلا، ئۇيغۇر تېررورچىلارنى ئاشكارا قوللىدى› دەپ ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قانداقتۇر يېڭىچە بىر سىياسەت بولماستىن، بەلكى بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر سىياسەت بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا بۇنى چەتئەللىكلەرنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاندېرى گاتتولىن سۆزىدە: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇرسۇلا خانىمنى چاقىرتىپ ئۇنى دەرھال ماقالىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇ سوراشقا قىستىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەلەپلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان ئۇرسۇلا خانىم شۇ سەۋەبتىن خىتايدىن قوغلانغان» دېگەن.

ئاندېرى گاتتولىن سۆزىدە يەنە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى دۇنياغا ئاشكارىلانسا ھەر كىم ئەلۋەتتە بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمايدۇ. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل پاجىئەلىرىدىن، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىنمۇ خەۋەرسىز قالغان ئىدى» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئاندېرى گاتتولىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پارىژدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسىنى دەرھال چاقىرتىپ، ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىدە بىزنىڭ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىمىزنى ۋە نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ» دەپ قاتتىق تەلەپپۇزدا بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئاندېرى گاتتولىننىڭ ئۇرسۇلا خانىم توغرىسىدا ئېيتقان يۇقىرىقى تەكلىپ سۆزلىرى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئەركىن ئابلىمىتنىڭ دېيىشىچە، ئاندېرى گاتتولىن پارلامېنتتا مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىگە نىسبەتەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى تاشقى ئىشلار ۋەكىلى شۇنداقلا فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھارلم دېسىرە بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەن.

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھارلم جاۋابىدا: «بىز ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىمىزنى ۋە نارازىلىقىمىزنى ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامىدىن خىتايغا بىلدۈردۇق. بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىمىز ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ جەمئىي ئۈچ قېتىم ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېپىق شەكىلدە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن.

ئۇ،يەنە:«ئۇرسۇلا خانىم، بېيجىڭدا ئۆزىگە كىملەرنىڭ نەدە، قانداق تەھدىت سالغانلىقىنى ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنداقلا بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىمىزنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى ئاكتىپ خىزمەت قىلغانلىقىدىنمۇ خەۋەردار» دەپ كۆرسەتكەن.

مۇئاۋىن مىنىستىر ھارلم: «بىز بېيجىڭدىن بۇ ئىشتا قايتا ئوبدان ئويلىشىشىنى ۋە شۇنداقلا ئۇرسۇلا خانىمنىڭ خىتايدىكى خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى سورىدۇق. خىتاي بىزگە ئۇرسۇلا خانىمنىڭ بېيجىڭدا داۋاملىق خىزمەت قىلىشىغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى» دەپ ئەسكەرتكەن.

مۇئاۋىن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھارلم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «فىرانسىيە ئەركىن بىر دۆلەت، ئەركىنلىك فىرانسىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى شۇنداقلا مۇخبىرلىرىمىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ئەركىن سۆز قىلىشىغا، ئەركىن قەلەم تەۋرىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسىدە بىزنىڭ مەيدانىمىز ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن 7-يانۋار چېگراسىز مۇخبىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق قانۇنىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغان بىر يازما دوكلات تەييارلىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ دوكلات مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا پايدىلىق» دېگەن.

ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاندېرى گاتتولىن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھارلمنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە ئۆزىنىڭ تازا قايىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېپىق شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈشى كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. مەخپىي شەكىلدىكى دىپلوماتىك يوللار بىلەن مەسىلىنى ھەرگىز ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭمۇ توغرا يولى ئەمەس. بىز شەخسەن مەخپىي ئۇسۇلدا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى خالىمايمىز. چۈنكى تۈنۈگۈنمۇ بېيجىڭدا ئوخشاشلا ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئاندروئىد ئەپەندىمنىمۇ خىتاي تۇتۇپ چېگرادىن قوغلىدى. شۇڭا بىز بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايمىز» دەپ، قاتتىق تەلەپپۇزدا سۆز قىلغان.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت تېلېفون ئارقىلىق ئۇرسۇلا خانىمغا يەتكۈزگەن ۋە بۇ ھەقتە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

فىرانسىيەدىكى بەزى بىر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە پارلامېنتى ئالىي پالاتا ئەزاسى ئاندېرى گاتتولىن بۇ تەكلىپنى، مۇخبىر ئۇرسۇلا خانىم بېيجىڭدا تەھدىتكە ئۇچراپ فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن فىرانسىيە پارلامېنتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشى ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.