خىتاي ساقچىلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى دىققەت قوزغىدى
2018.03.05
خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى توپلىشى، DNA ئامبىرى قۇرۇشى، ھەر بىر شەخس ئۈچۈن شەخسىي سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچسىزلىكىنى بېكىتىدىغان جەدۋەل چىقىرىشى ۋە باشقا چېكىدىن ئاشقان بېسىم سىياسەتلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى جۈمە كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلىش، ۋېچات قاتارلىق خىتايدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئەپلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قىيىن قىستاققا ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ خەۋەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاشقا ئۆتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەر شارى كۆلەملىك كونتروللۇق سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۈگۈن رادىيومىزنى يازما ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن فىرانسىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، ئۇلارنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، بۈگۈن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئۇلار، ئۆزلىرىنىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدىكى بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخباراتلاردىن «لې موندې دۇنيا گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر تەييارلىماقتا ئىكەن.
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى فىرانسىيە پۇقرالىقىنى ئېلىپ بولغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 10 نەپىرى 2017- يىلىدىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار ئۈندىدار ياكى ئېلخەت، ھەتتا بىۋاسىتە تېلېفون ئارقىلىق فىرانسىيەدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش سەۋەبى، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى، مەكتەپ ياكى خىزمەت ئورنى ھەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق مەلۇم قىلىشى، ئائىلىسىدىكى كىشىلەر بىلەن جورىسى، پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى، خىتايدىن چىقىرىلغان كىملىك ياكى پاسپورت نومۇرى قاتارلىقلارنى مەلۇم قىلىشقا قىستىغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ فىرانسىيە پاسپورتى ۋە توي خېتى قاتارلىقلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى دەرھال ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكتىن ئاشقان تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىچە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشقا قىستىشى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا كۈچەيگەن. ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل تەدبىرلىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا تېخىمۇ كەڭ ۋە ئاشكارا شەكىلگە كىرگەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، خىتاينىڭ چەتئەللەردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ياۋروپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بۇ ھەقتە مەزكۇر ئورگانغا پىكىر ۋە شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. زۇبەيرە خانىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشتا ھەر قانداق ئۇيغۇرنى دۈشمەن كۆرىدىغانلىقىنى ۋە قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىنمۇ دەسلەپ تۈركىيە، مىسىر ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرىگە يولۇققانلىقى مەلۇم بولغان بولسا، كېيىنچە بۇ تەھدىتنىڭ ھەتتا ياۋروپا ئەللىرى، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىچە كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇلغان «رەزىل قولى» ھەققىدە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىشقا ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە مەلۇم نىسبەتتە روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى ئويغاتقانلىقىنى ۋە ھوشيارلىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن كەلگەن بۇ خىل بېسىم ۋە تەھدىتلەرنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىغانلىقىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرى شۇنداقلا پىلانلىرىنى بۇزۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلىدى.