تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم:«تەيۋەن رابىيە قادىر خانىمنى ھەر زامان قارشى ئالىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.12.14
teywen-kishilik-hoquq-yighin.jpg خەلقئارا ئىنسان خەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 9-دېكابىر.
RFA/Qutluq


9-دېكابىر تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم 10-دەكابىر خەلقئارا ئىنسان خەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەن پارلامېنتىدا ئوتكۈزۈلگەن تىبەت،ئۇيغۇر،موڭغۇللارنىڭ خەلقئارالىق بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەن پارلامېنتىدا قۇرۇلغان تىبەت مەسىلىسىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ يالغۇز خىتايدىكى تىبەت مەسىلىسىگىلا ئەمەس بەلكى خىتايدىكى ئۇيغۇر،موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگىمۇ يېقىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارلامېنت ئەزاسى لىم سۆزىدە يەنە ئۆزى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان تەيۋەن پارلامېنتىدىكى تىبەت مەسىلىسىنى قوللاش گۇرۇپىسىدىكىلەرنىڭ يېقىندا ھىندىستاندىكى دارىمسالاغا بېرىپ، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

فرېدي لىم تەيۋەن پارلامېنتىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە تەيۋەن پارلامېنتىدا بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تەيۋەن پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت،ئۇيغۇر،موڭغۇللارنىڭ بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم بىزنىڭ: «تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى تەيۋەندە قاچان زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«دالاي لاما ئىشخانىسى مېنىڭ ئىشخانام بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتىدۇ.دالاي لامامۇ تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشنى خالايدۇ. بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە مۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن»دېدى.

بىزنىڭ: «سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىمۇ تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىش ئويىڭىز بارمۇ؟»دېگەن سوئاللىمىز ئۈستىدە توختالغان پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم:«مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ئۇنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاقىلىشىۋاتىمەن.شۇنداقلا تەيۋەندىكى باشقا گۇرۇپپىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار رابىيە قادىر خانىمنى تەيۋەنگە تەكلىپ قىلسا مەن ئەلۋەتتە قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇنى قوللايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ بارلىق سۆز ھەرىكەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت.مېنىڭچە تەيۋەن رابىيە قادىر خانىمنى ھەر زامان قارشى ئالىدۇ.بىراق،تەيۋەنگە كېلىش ئۇنىڭ ۋاقتىغا باغلىق ئىش»دېدى.

بىز تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىمنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، بىراق تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

9-دېكابىردىن باشلاپ تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇت پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئىلھام ماخمۇت رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەيۋەندە يېقىن كەلگۈسىدە زىيارەتتە بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرلىقى ئۈستىدە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى فرېدي لىم يالغۇز سىياسىي ئەربابلاردىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇ تەيۋەنلىك دۇنياۋىي داڭلىق ناخشىچىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.